تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ كورېيە زۇڭتۇڭى مۇن جىئىن بىلەن تېلېفونلاشتى

  ئەنگلىيەنىڭ سابىق باش ۋەزىرى كامىرون بىلەن كۆرۈشتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 – ئاينىڭ 11 – كۈنى تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 1 – ئاينىڭ 11 – كۈنى كورېيە زۇڭتۇڭى مۇن جىئىن بىلەن تېلېفونلاشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: زۇڭتۇڭ ئەپەندى يېقىندا جۇڭگودا مۇۋەپپەقىيەلىك ھالدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى، ئىككى تەرەپ جۇڭگو – كورېيە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق – ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، زور رايون ۋە خەلقئارا مەسىلىلەرنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىشتە مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈردى، ھەمكارلىقنى كۈچەيتتى. جۇڭگو جۇڭگو – كورېيە مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشىلىنىپ تەرەققىي قىلغانلىقىدىن مەمنۇن. يېڭى بىر يىلدا جۇڭگو كورېيە بىلەن بىرلىكتە ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نازۇك مەسىلىلەرنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈپ، رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئورتاق تىرىشىشنى خالايدۇ. جۇڭگو كورېيەنىڭ پيوڭچاڭ قىشلىق ئو ت م نى ياخشى ئۆتكۈزۈشىنى قوللايدۇ ھەم پيوڭچاڭ قىشلىق ئو ت م نىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈرىدۇ.

  مۇن جىئىن جۇڭگونىڭ ئۆزىنىڭ يېقىندىكى زىيارىتىنى ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرغانلىقىغا يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتتى، كورېيە – جۇڭگو ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق – ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى داۋاملىق ساقلاشنى ھەم يېڭى بىر يىلدا تېخىمۇ زور ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئۈمىد قىلدى. جۇڭگونىڭ پيوڭچاڭ قىشلىق ئو ت م نى ياخشى ئۆتكۈزۈشنى قوللىغانلىقىغا مىننەتدارلىق بىلدۈردى.

  مۇن جىئىن يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن كورىيە – چاۋشيەن يۇقىرى دەرىجىلىكلەر سۆھبىتىنىڭ نەتىجىسىنى يەتكۈزۈپ مۇنداق دېدى: كورېيە جۇڭگونىڭ چاۋشيەن يېرىم ئارىلى مەسىلىسىدىكى مۇھىم رولىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، جۇڭگونىڭ جەنۇب – شىمال سۆھبىتىنى قوللىغانلىقىغا، مەسىلىنى سۆزلىشىش، سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولغانلىقىغا، چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدۇ، كورېيە جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە مەسىلىنى سۆزلىشىش، سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىشقا، رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشقا تىرىشىدۇ.

  شى جىنپىڭ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو كورېيە بىلەن چاۋشيەننىڭ مۇناسىۋەتنى ياخشىلىشى، يارىشىشى ۋە ھەمكارلىشىشىنى ئىزچىل قوللاپ كەلدى. بىز ئىككى تەرەپنىڭ جەنۇب – شىمال سۆھبىتى ۋە ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چاۋشيەن يېرىم ئارىلى مەسىلىسىنى ھەل قىلىش قەدىمىنى تەدرىجىي تېزلىتىشىنى قوللايمىز. ھازىر چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ ۋەزىيىتىدە خىرىس بىلەن پۇرسەت تەڭ مەۋجۇت. پيوڭچاڭ قىشلىق ئو ت م نىڭ كورېيە – چاۋشيەن سۆھبىتىگە پۇرسەت ئېلىپ كېلىپلا قالماي، چاۋشيەن يېرىم ئارىلى ۋەزىيىتىنىڭ ياخشىلىنىشىنىڭ باشلىنىشى بولۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. جۇڭگو كورېيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بولغان ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ۋەزىيەتنىڭ يەنىمۇ ياخشى تەرەپكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 – ئاينىڭ 11 – كۈنى تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 1 – ئاينىڭ 11 – كۈنى دياۋيۈتەي دۆلەت مېھمانخانىسىدا ئەنگلىيەنىڭ سابىق باش ۋەزىرى كامىرون بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ كامىروننىڭ ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بولغان مەزگىلدە جۇڭگو – ئەنگلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى يىراقنى كۆرەرلىكى ۋە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىغا ئاپىرىن ئوقۇدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: مەن 2015 – يىلى ئەنگلىيەدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغانىدىم. بىز جۇڭگو – ئەنگلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ‹‹ئالتۇن دەۋرى››نى بىرلىكتە ئېچىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتۇق. باش ۋەزىر تېرېسا مېي ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان، جۇڭگو – ئەنگلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ‹‹ئالتۇن دەۋرى›› چوڭ يۆنىلىشىدە داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو – ئەنگلىيە مۇناسىۋىتىدە داۋاملىق تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلاپ كەلدى. ھازىر جۇڭگو – ئەنگلىيە ئىككى تەرەپ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەرنىڭ ئالاقىسى قويۇقلىشىپ، ئۆزئارا پايدا يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى ھەمكارلىقى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى، ئادىمىيەت ئالاقىسى، ئالماشتۇرۇش تېخىمۇ جانلىنىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە ھەقىقىي نەپ ئېلىپ كەلدى. جۇڭگو ئەنگلىيە بىلەن بىللە ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› رامكىسىدا تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ۋە تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلاملىق ئۆزئارا پايدا يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى ھەمكارلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ‹‹ئالتۇن دەۋر›› ئۇلۇغ پىلانىنى تېخىمۇ كۆپ ‹‹ئالتۇن مېۋە››گە ئايلاندۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ئۇزاققىچە مۇقىم راۋاجلاندۇرۇشنى خالايدۇ.

  كامىرون شى جىنپىڭنىڭ ئۆزى بىلەن كۆرۈشكەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى ھەم ج ك پ 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى. كامىرون مۇنداق دېدى: رەئىس جانابلىرىنىڭ 2015 – يىلى ئەنگلىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغانلىقى ئېسىمدىن چىقمايدۇ. ئەنگلىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ‹‹ئالتۇن دەۋرى››نى ئورتاق بەرپا قىلغانلىقى ھەم ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكى كىشىنى خۇشال قىلىدۇ. ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسى ئەنگلىيە – جۇڭگو ھەمكارلىقىغا يېڭى پۇرسەت ئېلىپ كەلدى. مېنىڭ ئەنگلىيە – جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچىم كامىل، ئەنگلىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئۆزئارا چۈشىنىش، ئالاقە ۋە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن داۋاملىق ئاكتىپ رول ئويناشنى خالايمەن.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت كومىسسارى ياڭ جيېچى قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.