تەڭرىتاغ تورى   ›   سۈرەت

ھەمكارلىق كوپىراتىپى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ يېڭى يولىنى ئاچتى

11-يانۋار، دېھقانلار ھەرقايسى ئىش ھالقىلىرىدا ئىشلىمەكتە.

 ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىياز راھمان خەۋىرى، فوتوسى: كۇچا ناھىيەسىنىڭ ئاقئۆستەڭ يېزا «بوستان» ياڭاقچىلىق دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپى دېھقانلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش  يوللىرىنى كېڭەيتىپ،  خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە باشتىن- ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، نامراتلارغا يۆلەك بولۇش بىلەن بىرگە ئۇلارغا قىلىدىغانغا ئىش تېپىپ بېرىپ،  دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە غەلىبە قىلىشىغا ئاساس سالدى .
    بۇ كوپىراتىپ بۇلتۇرنىڭ ئاخىرقى ئۈچ ئېيىدا  13 مىڭ 200 توننا ھۆل ياڭاق سېتىۋىلىپ، ياڭاقلارنى سويۇش ، قۇرۇتۇش ، دەرىجىگە ئايرىش قاتارلىق ئىش ھالقىلىرىغا 300 دىن ئارتۇق دېھقاننى ۋاقىتلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى ۋە 2600 توننىدىن ئاتۇق قۇرۇق ياڭاقنى دەرىجىگە ئايرىش ، ئوراپ قاچىلاش قاتارلىق ئىشلارغا 120 دېھقاننى مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، كوپىراتىپنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىرگە، ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا ياردەم بەردى .

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئېسىمىزدە مەڭگۈ ساقلايلى» باش تېمىسىدىكى گۈزەل سەنئەت، ھۆسىنخەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى
  • گۈزەل سەيلىگاھ قۇمقاناس
  • ھەر مىللەت ئاھالە ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئاكتىپ ئېنېرگىيەسىنى مۇجەسسەملىدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى