تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

پارتىيە19–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەڭگۈ داۋاملاشتۇرىدىغان جاسارەت بىلەن پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك

  شى جىنپىڭ  19–نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 2–ئومۇمىي يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى:

  پارتىيە19–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەڭگۈ داۋاملاشتۇرىدىغان جاسارەت بىلەن پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك

  لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى، جاۋ لېجى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 1 – ئاينىڭ 11 – كۈنى ج ك پ 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 2 – ئومۇمىي يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلدى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 – ئاينىڭ 11 – كۈنى تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 1 – ئاينىڭ 11 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 2 – ئومۇمىي يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرىدە ئۇلۇغ ئىشلارنى ئورۇنداش ئۈچۈن چوقۇم پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىگە تايىنىش كېرەك، پارتىيە چوقۇم يېڭى كەيپىيات، يېڭى نەتىجە يارىتىشى كېرەك. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، قايتىدىن تولۇق قوراللىنىپ سەپەرگە ئاتلىنىپ، مەڭگۈ داۋاملاشتۇرىدىغان جاسارەت بىلەن پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشتە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى كۈچەيتىپ، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى مۇستەھكەملەپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىشنى، پارتىيەنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قوغداشنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشى، ئىدىيە قۇرۇلۇشى، تەشكىلىي قۇرۇلۇشى، ئىستىل قۇرۇلۇشى، ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى ئۇنىڭغا سىڭدۈرۈش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، چىڭ تۇرۇش داۋامىدا چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، چوڭقۇرلاشتۇرۇش داۋامىدا يۈكسەلدۈرۈپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي ئېكولوگىيەنى تۈپتىن ياخشىلاپ، پارتىيەنىڭ ئىجادچانلىقى، ئۇيۇشۇشچانلىقى، جەڭگىۋارلىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا قەتئىي غەلىبە قىلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاۋ لېجى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغۋار قۇرۇلۇش ئۇلۇغ كۈرەش، ئۇلۇغ ئىشلارغا يېتەكچىلىك قىلىش، ئاخىرىدا ئۇلۇغ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ تۈپ كاپالىتى. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش شەرت. پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشتا نېگىزلىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلەشكەن بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش كۆرۈپ، پارتىيەنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشى، ئىلغارلىق قۇرۇلۇشى ۋە پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەنى چىڭ تۇتۇپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيەمىزنىڭ باشتىن – ئاخىر دەۋرنىڭ ئالدىدا ماڭىدىغان، خەلق چىن دىلىدىن ھىمايە قىلىدىغان، ئۆزى ئۈستىدە دادىل ئىنقىلاب قىلىدىغان، تۈرلۈك بوران – چاپقۇننىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان، غەيرەت – جاسارەتكە تولغان ماركسىزملىق ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەگە ئايلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، بىز كۈچنى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش كۈچلۈك بولماسلىق مەسىلىسىگە قارىتىپ، پارتىيە تارىخىدىكى ئۈنۈملۈك ياخشى تەجرىبە، ياخشى ئۇسۇللارنى ئەۋج ئالدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشنىڭ قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى تەجرىبىلەرنى يارىتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشتۇق. بۇ نەتىجىلەر تەستە قولغا كەلدى، تەجرىبىلەر ئىنتايىن قىممەتلىك، ئۇنىڭدا ئۇزاق مۇددەت چىڭ تۇرۇپ، ئۇنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. بىرىنچى، ئىدىيە جەھەتتە پارتىيە قۇرۇش بىلەن پارتىيەنى تۈزۈم ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەم ئىدىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، ھەم تۈزۈم مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، غايە – ئېتىقادنى مۇستەھكەملەشنى تۈپ ۋەزىپە قىلىپ، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى پارتىيەنىڭ تۈرلۈك قۇرۇلۇشلىرىغا سىڭدۈرۈشىمىز كېرەك. ئىككىنچى، بۇرچ يېتەكچىلىكى بىلەن مەسىلە يۆنىلىشىنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەم مەۋقەنى نۆۋەتتىكى خىزمەتلەرگە قارىتىپ، مەسىلىگە توغرا يۈزلىنىپ، ئامما نارازى بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا كۈچىشىمىز، ھەم كەلگۈسىگە نەزەر تاشلاپ، ئېگىزدە تۇرۇپ يىراقنى كۆزلەپ، بىر تۇتاش پىلانلاش، يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشكە كۈچىشىمىز كېرەك. ئۈچىنچى، ‹‹ھالقىلىق ئاز سانلىق››لارنى تۇتۇش بىلەن ‹‹مۇتلەق كۆپ سانلىق››لارنى باشقۇرۇشنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەم پارتىيە ئەزالىرىغا ئومۇميۈزلۈك تەلەپ قويۇشىمىز، ھەم ‹‹ھالقىلىق ئاز سانلىق››لار، بولۇپمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلارغا تېخىمۇ يۇقىرى، تېخىمۇ قاتتىق ئۆلچەم بېكىتىپ، ئۇلارنى تېخىمۇ قاتتىق باشقۇرۇشىمىز ۋە نازارەت قىلىشىمىز كېرەك. تۆتىنچى، ھوقۇق يۈرگۈزۈش بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئەڭ تۈپ سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، ‹‹مەسئۇلىيەت›› دېگەن سۆزگە چىڭ ئېسىلىپ، ‹‹جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش››تىن ئىبارەت مۇھىم ھالقىنى چىڭ تۇتۇشىمىز كېرەك. بەشىنچى، قاتتىق باشقۇرۇش بىلەن كۆڭۈل بۆلۈش، ئىشىنىشنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقىي باشقۇرۇش، ھەقىقىي قاتتىق بولۇش، باشقۇرۇشقا، قاتتىق بولۇشقا جۈرئەت قىلىش، ئۇزاققىچە باشقۇرۇش، ئۇزاققىچە قاتتىق بولۇشتا چىڭ تۇرۇشىمىز، ئۆتمۈشتىكىدىن ساۋاق ئېلىپ، كېسەلنى داۋالاپ ئادەمنى قۇتقۇزۇش فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىشلارنى بالدۇر، كىچىكىدىن باشلاپ تۇتۇپ، بىخ ھالىتىدە يوقىتىپ، كادىرلاردا مەسىلە كۆرۈلۈشتىن ئەڭ زور دەرىجىدە ساقلىنىپ، كادىرلارنىڭ ئاكتىپلىقىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قوزغىتىشىمىز كېرەك. ئالتىنچى، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك بىلەن ئامما نازارەت قىلىشنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك ئارقىلىق باشقا نازارەتچىلىككە تۈرتكە بولۇپ، خەلقنىڭ چارە – تەدبىر كۆرسىتىش، تەنقىدلەش، نازارەت قىلىش يوللىرىنى پائال راۋانلاشتۇرۇپ، ئامما نازارەت قىلىش، جامائەت نازارەت قىلىشنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوقۇم ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇشىمىز ۋە ئۇنىڭدىن قەتئىي تەۋرەنمەسلىكىمىز كېرەك. خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچى مۇھىتىدىكى ھەر خىل ئامىلنىڭ تەسىرىدە پارتىيەمىز دۇچ كېلىۋاتقان ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش مۇھىتى يەنىلا مۇرەككەپ، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان، پارتىيەنىڭ ساپلىقىنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان ئامىللارمۇ مۇرەككەپ، پارتىيە قوشۇنىدا ۋە ئۆز ئەھۋالىدا كۆرۈلگەن زور ۋە چوڭقۇر ئۆزگىرىش پارتىيەنىڭ قۇرۇلۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، پارتىيە تەشكىلىنىڭ سىياسىي فۇنكسىيەسى ۋە تەشكىللەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ. بىز مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، ‹‹قانچە جاپالىق بولغانسېرى شۇنچە ئىلگىرىلەيدىغان›› قەھرىمانلارچە جاسارەت ۋە ‹‹تار يولدا ئۇچراشقاندا ئەزىمەتلەر غالىب كېلىدىغان›› كۈرەش روھىنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى بارلىق پارتىيە تەشكىلاتلىرى كەم – كوتسىز ئىزچىللاشتۇرۇشى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، سىياسىي مەيدان، سىياسىي يۆنىلىش، سىياسىي پىرىنسىپ، سىياسىي يولدا باشتىن – ئاخىر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىشى كېرەك. پارتىيەنىڭ رەھبىرىي كادىرلىرى ھەر قانداق ۋاقىت، ھەر قانداق ئەھۋالدا سىياسىي مەيداندا چىڭ تۇرۇشى، ئىشەنچلىك بولۇشى، پارتىيەگە سادىق، سەمىمىي بولۇشى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن بىر نىيەت – بىر مەقسەتتە بولۇشى، پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنۇشى، پارتىيە ئۈچۈن مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشى كېرەك. كوممۇنىزملىق ئۇلۇغۋار غايە بىلەن جۇڭگوچە سوتسىيالىزملىق ئورتاق غايىنىڭ دىيالىكتىك مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، ھەم جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، مىللەتنىڭ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان ئەمەلىي خىزمەتتىن چەتنەپ، ئۇلۇغۋار غايە ئۈستىدە قۇرۇق گەپ سېتىشقا، ھەم كوممۇنىزمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ناھايىتى ئۇزاق تارىخىي جەريان، دەپ قاراپ، ئۇلۇغۋار غايىنى يوقىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ خەلق بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى ساقلاش كېرەك. دائىم ۋە ئۇزاققىچە، قاتتىق ۋە ئەمەلىي، چوڭقۇر ۋە ئىنچىكە بولۇشقا داۋاملىق كۈچەپ، راھەتپەرەسلىك، ھەشەمەتچىلىك ئىستىلىنىڭ يېڭى يۈزلىنىشى ۋە يېڭى ئىپادىسىگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ، قايتىدىن باش كۆتۈرۈشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك. شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى تۈزىتىشتە بىرىنچى قول رەھبەر ئومۇمىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا تايىنىپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا كۈچەش كېرەك، ئەمەلىيەتكە، ئاممىغا يېقىن بولغان ئەمەلىي تەدبىرلەرگە تايىنىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى پارتىيەنىڭ خەلق بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى ساقلاشتىن ئىبارەت بۇ ھالقىغا چېتىش كېرەك. رەھبىرىي كادىرلار ئىمتىياز ئىدىيەسى، ئىمتىياز خاھىشىغا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، قەلبىنى پاك ساقلاپ، خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى تۆۋەنگە قارىتىپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئاممىۋى خىزمەتنى يۈزتۇرا، كۆڭۈل قويۇپ ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تىرىشىپ ھەل قىلىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، قاتتىق ئىنتىزام ئارقىلىق پۈتۈن پارتىيەنى باشقۇرۇش، پۈتۈن پارتىيەنى ئىدارە قىلىش كېرەك. ئىنتىزام تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، پولاتتەك ئىنتىزامنى پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلارنىڭ كۈندىلىك ئادىتى ۋە ئاڭلىق مىزانىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك. ئىنتىزام، قائىدىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈزۈمنىڭ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم(پارتگۇرۇپپا)لار تۇتۇشقا، باشقۇرۇشقا جۈرئەت قىلىپ، ئىنتىزامنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ مۇتلەق غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشتە ھەم ماھىيەتتىن تۈزەشنىڭ ئاساسىنى مۇستەھكەملەش، ھەم ھادىسىدىن تۈزەشنىڭ ئۆتكۈر قورالىنى ئىشلىتىشكە جۈرئەت قىلىش كېرەك. چەكلەنگەن رايون بولماسلىق، تولۇق قاپلاش، قەتئىي يول قويماسلىقتا، قاتتىق توسۇش، يۇقىرى بېسىمنى كۈچەيتىش، ئۇزاققىچە چۆچۈتۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پارا ئالغانلار بىلەن پارا بەرگەنلەرنى تەڭ تەكشۈرۈپ، قالدۇقىنى قەتئىي ئازايتىش، نۇقتىلىق ھالدا ئومۇمىي مىقدارنىڭ ئېشىشىنى توسۇش كېرەك. ‹‹يولۋاس››نى باش كۆتۈرگەن ھامان ئۇرۇش، ‹‹چىۋىن››نى ئۇچقان ھامان ئۆلتۈرۈش كېرەك. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ ئاساسىي قاتلامغا كېڭىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئامما ئەتراپىدا يۈز بەرگەن چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى قاتتىق تۈزىتىش كېرەك. قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىشنى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، قارا گۇرۇھقا چېتىشلىق تەشكىلاتلارنى تۇتۇش، ھەم كەينىدىكى ‹‹مۇھاپىزەت كۈنلۈكى››نىمۇ تۇتۇش كېرەك. چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئۇنىۋېرسال قانۇن ئىجراسىدا خەلقئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، چىرىكلەشكەن جىنايەتچى ئۇنسۇرلارنى چۆچۈتۈش كېرەك. چۆچۈتۈشنى چىرىكلىشىشكە پېتىنالمايدىغان دەرىجىدە كۈچەيتىپ، چىرىكلىشەلمەسلىك قەپىزىنى پۇختىلاپ، چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىق ئاڭلىقلىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئىسلاھ قىلىش ۋە تۈزۈلمىدە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق مەنپەئەت زەنجىرىنى ئۈزۈپ تاشلاپ، ھوقۇق يۈرگۈزۈشكە قارىتىلغان چەكلىمە ۋە نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، ئۈنۈملۈك، ئەسقاتىدىغان تۈزۈلمە، مېخانىزمنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەسئۇلىيىتىنى سادىقلىق بىلەن تولۇق ئادا قىلىپ، پايدا – مەنپەئەت بىلەن ھېسابلاشماي، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، پارتىيە ۋە خەلققە ياخشى جاۋاب قايتۇردى. ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورگانلىرى مەسئۇلىيىتى ۋە ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىشى، ئىنتىزامنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، جاۋابكارلىقنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈشى كېرەك. ئىنتىزامنى ئىجرا قىلغۇچى ئالدى بىلەن ئىنتىزامغا رىئايە قىلىشى، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلغۇچى ئالدى بىلەن ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى ئۆزىگە تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەم، تېخىمۇ قاتتىق تەلەپ قويۇپ، ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇشى كېرەك. ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش كادىرلىرى سادىق، قەتئىي بولۇپ، مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشى، قانۇن – ئىنتىزامغا رىئايە قىلىشى، پاك – دىيانەتلىك بولۇشى، پارتىيە ۋە خەلق بەرگەن ھوقۇقنى قالايمىقان ئىشلەتمەسلىككە، رەزىللىكنى جازالاپ، ياخشىلىقنى ئەۋج ئالدۇرىدىغان ئۆتكۈر قىلىچقا مەڭگۈ داغ تەگكۈزمەسلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  جاۋ لېجى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆزىدە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چوڭقۇر شەرھلىدى، پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ مۇھىم تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەپ، پارتىيە دۇچ كېلىۋاتقان خەۋپ – خەتەر ۋە خىرىسنى چوڭقۇر تەھلىل قىلدى، ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ ئومۇمىي تەلىپى ۋە ئاساسىي ۋەزىپىلىرىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى، ئۇنى داۋاملىق ئىزچىللاشتۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، خاتا ئىدىيەنىڭ كاشىلىسىنى تۈگىتىپ، قايتىدىن تولۇق قوراللىنىپ سەپەرگە ئاتلىنىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى تەكىتلىدى. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، روھىي ماھىيىتىنى ئىگىلەپ، ئىدىيەۋى تونۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي خىزمەتنى فۇنكسىيە ۋە مەسئۇلىيەت بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، سىياسىي مەيدان ۋە سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ سىستېمىلىقلىقى، ئىجادچانلىقى، ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىقىنى ھەقىقىي ئاشۇرۇشى كېرەك.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت تەركىبىدىكى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ باشقا رەھبەرلىرى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى.

  مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگىنىدىكى تارماقلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى، ئارمىيەنىڭ چوڭ ئورۇنلىرى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ئورگىنىدىكى ھەرقايسى تارماقلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشتى. يىغىن تېلېۋىزىيە – تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئېچىلدى، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى ھەم قىسىمدىكى ئالاقىدار ئورۇنلاردا تارماق يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 2 – ئومۇمىي يىغىنى 1 – ئاينىڭ 11 – كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن جاۋ لېجى مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن ‹‹شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرەيلى›› دېگەن تېمىدا خىزمەت دوكلاتى بەردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.