9-يانۋار، جاڭخۇەي ئاپتوموبىل گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى يۈ سەيرۇڭ مىسىرنىڭ پايتەختى قاھىرەدە شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلماقتا.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: جاڭخۇەي ئاپتوموبىل گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى يۈ سەيرۇڭ 9-يانۋار مىسىرنىڭ پايتەختى قاھىرەدە شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مىسىر ئىنتايىن مۇھىم بازار بولۇپ، جياڭخۇەي ئاپتوموبىلىنىڭ مىسىردىكى تاكتىكىسى ۋە پىلانلىرى شىركەتنىڭ پۈتۈن ئافرىقا قىتئەسى بازىرى تەرەققىياتىنىڭ يۆنىلىشىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، جاڭخۇەي ئاپتوموبىل گۇرۇھى بىلەن مىسىر «كاسىلاۋىي» گۇرۇھى شېرىكلىشىپ ئاچقان 4S ئاپتوموبىل سېتىش مۇلازىمەت دۇكىنى 9-يانۋار قاھىرەدە تىجارەت باشلىغان.