تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىزدا ئالىي كەسپىي تېخنىكوم (مەخسۇس كۇرس) مەكتەپلىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش، توردا تىزىملاش خىزمىتى باشلاندى

    شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ ئىمتىھان تەتقىقاتخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2018-يىللىق رايون ئىچىدىكى ئالىي كەسپى تېخنىكوم (مەخسۇس كۇرس) مەكتەپلىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل  قىلىش خىزمىتى رەسمىي باشلانغان بولۇپ، تىزىملىتىش ۋاقتى 20-يانۋاردىن 20-فېۋرال سائەت 12:00 گىچە (بېيجىڭ ۋاقتى) داۋاملىشىدىكەن. ئىمتىھان ۋاقتى 10-، 11- مارت كۈنلىرى بولۇپ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر 22 - مارت توردا قوبۇل قىلىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرەلەيدىكەن.

    ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئىمتىھان بېرىش شەرتىگە توشقانلار ۋە 2018-يىللىق ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسى نومۇرىغا ئېرىشكەن ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار « شىنجاڭ ئالىي كەسپىي تېخنىكوم مەكتەپلىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى مۇلازىمەت سۇپىسى» غا كىرىپ توردا ئىمتىھانغا تىزىملاتسا ۋە ئارزۇ تولدۇرسا بولىدىكەن. گۈزەل سەنئەت، مۇزىكا تۈرىدىكى كەسىپلەرگە ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ چوقۇم «ئاپتونوم رايوننىڭ 2018-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ گۈزەل سەنئەت، مۇزىكا كەسپىي بىر تۇتاش كەسپىي سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى» بولۇشى، شۇ ئارقىلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان مەكتەپلەرنىڭ ئالاقىدار كەسىپلىرىگە تىزىملىتىش كېرەك ئىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • گېرمانىيە كوماندىسى شىۋېتسىيە كوماندىسىنى يەڭدى
  • باركۆل ساياھەتچىلەر ياقتۇرىدىغان جايغا ئايلاندى
  • ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاست جۇڭگودىكى ئون چوڭ ئېكسپېدىتسىيە ساياھەت مەنزىلگاھى بولۇپ باھالاندى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى