شى شى (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) 11-يانۋار ئويۇنچۇق ئاپتوموبىلنى ھەيدەپ ئوپېراتسىيە ئۆيىگە ماڭماقتا.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: خۇنەن ئۆلكىلىك بالىلار دوختۇرخانىسى 2017-يىلى ئۆكتەبىردىن باشلاپ يېڭى تەدبىرلەرنى يولغا قويدى. دوختۇرخانا ئوپېراتسىيە قىلىنىدىغان بالىلارنى كىچىك ئاپتوموبىل ھەيدىتىپ ئوپېراتسىيە ئۆيىگە ئەكىرىپ، بالىلارنىڭ كەيپىياتىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ناركوز بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلدى. دوختۇرخانا بۇ يېڭى تەدبىرنى يولغا قويغاندىن بۇيان، بىر ياشتىن ئالتە ياشقىچە بولغان 100 دىن ئارتۇق بالا بۇ « ئاپتوموبىل مۇلازىمىتى » دىن بەھرىمەن بولدى.