شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى: مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى دانەنگۇ ئۆزبېك يېزىسىنىڭ نەنگۇ كەنتىدىكى ئاھالە ئابىلغازى مۇراتبېك ھاياجانلانغان ھالدا مۇخبىرغا: «بۇلتۇر، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى يېڭى يىلدا قانداق ئارزۇيىڭ بار دەپ سورىغان چاغدا، مەن مېنىڭ ئارزۇيۇم بىر توك دوخۇپكىغا ئېرىشىش دېگەنىدىم، يېڭى يىل كىرىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا بۇ ئارزۇيۇمنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى ئويلىماپتىكەنمەن!» دېدى.
يېڭى يىلدا، فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى «ئائىلە ئارزۇسى» ھەرىكىتىنى يولغا قويدى. دانەنگۇ ئۆزبەك يېزىسى قاتارلىق جايلاردىكى 145 نامرات ئائىلە توك دوخۇپكا، سۇ ئىسسىتقۇچ، كىرئالغۇ، توڭلاتقۇ قاتارلىق يېڭى يىللىق سوۋغاتلارنى تاپشۇرۇپ ئالدى.
فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ باش قوماندانى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى خۇاڭ خېلىننىڭ تونۇشتۇرىشىچە، «ئائىلە ئارزۇسى» ھەرىكىتى شيامېن شەھىرىدە كۆپ يىللاردىن بۇيان قانات يايدۇرۇلغان «مىكرو ئارزۇ» ئاممىۋى پاراۋانلىقى پائالىيىتىدىن ئۆرنەك ئېلىنغان. بۇ قېتىمقى «ئائىلە ئارزۇسى» ھەرىكىتىگە ئاجرىتىلغان 120 مىڭ يۈەننى سانجىدىكى فۇجيەنلىك سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى چىقارغان بولۇپ، ئۇلار ھەر قايسى ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئىجتىمائىي كۈچ سۈپىتىدە دەل جايىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرىدىكەن.
دانەنگۇ ئۆزبەك يېزىسى ئېلىمىزدىكى بىردىنبىر ئۆزبېك يېزىسى بولۇپ، ئاھالىلەر تارقاق رايون ھېسابلىنىدۇ. خۇاڭ خېلىننىڭ ئېيتىشىچە، «ئائىلە ئارزۇسى» ھەرىكىتى سانجى ئوبلاستىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈلگەن، فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى پىلانلاپ يولغا قويغان نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم تۈر ئىكەن. بۇ پەقەت باشلىنىش بولۇپ، فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان ھەر دەرىجىلىك ئاپپاراتلىرى سانجى ئوبلاستىنىڭ ھەر قايسى شەھەر (ناھىيە) لىرىدە بۇ ھەرىكەتنى ھەر يىلى يانۋاردا ۋە ئىيۇندا داۋاملىق يولغا قويىدىكەن. ھازىر شيامېن تاماكا مونوپول تىجارىتى ئىدارىسى 300 مىڭ يۈەن مەخسۇس تۈر مەبلىغى ئاجرىتىپ، بۇ ھەرىكەتنىڭ سانجىدا ئوڭۇشلۇق قانات يايدۇرۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلغان.