تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ئاتلىنىمەن

  سانجى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ما تىڭ

  مەن پارتىيەنىڭ شانلىق نۇرى ئاستىدا تەدرىجىي ئۆسۈپ يېتىلگەن پارتىيەلىك كادىر، ماڭا ئوخشاش پارتىيەنىڭ ئىللىق نۇرىغا چۆمۈلگەن، پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقىنى ھېس قىلغان پارتىيەلىك ئاز سانلىق مىللەت كادىرلار ئىنتايىن كۆپ. بىزنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىمىزدىكى ھەر بىر قەدەم، ھەر بىر باسقۇچنى پارتىيەنىڭ تەربىيەسىدىن، ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ غەمخورلۇقىدىن، ھەر مىللەت قېرىنداش ئاكا- ئۇكا، ئاچا- سىڭىللارنىڭ ياردىمىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنتۇماسلىق كېرەك. پارتىيە بىزنى تەربىيەلىدى، بىزگە غەمخورلۇق قىلدى، بىزنىڭ قىلىدىغىنىمىز ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ۋە چەكسىز ساداقىتىمىز بىلەن پارتىيەگە، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش، جان- دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتىن ئىبارەت.

  «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى كۈرەش جەريانىدا مەن بايرىقىم روشەن، مەيدانىم مۇستەھكەم ھالدا ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە باشتىن- ئاخىر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلايمەن، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قىلچە تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرىمەن، ئەمەلىيلەشتۈرىمەن، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىدە قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، بايرىقىم روشەن ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىمەن.

  «ئۈچ خىل كۈچ» ئىنسان قېلىپىدىن چىققان بولۇپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى قەستەن سادىر قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى، مال- مۈلكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزدى، نورمال ئىجتىمائىي تەرتىپنى بۇزدى، ئۇنىڭ خاراكتېرى ناھايىتى قەبىھ. ئۇلارنىڭ جىنايى قىلمىشى كىشىنى چۆچۈتىدۇ، ئۇلارنىڭ قەبىھ نىيىتى مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇترىتىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا خەۋپ يەتكۈزۈش، ئەڭ ئاخىرىدا ئۆزلىرىنىڭ ۋەتەننى پارچىلاشتەك رەزىل مەقسىتىگە يېتىش.

  مەن «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، ئاتاكىغا ئۆتۈپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممەمگە ئالىمەن، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئاڭلىق تۇرۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قەتئىي جەڭ ئېلان قىلىمەن ۋە «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىمەن، « ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى قەتئىي ئېنىق ئايرىپ، ئۇلارنى يوقىتىپ، ئىناق، مۇقىم بولغان ياخشى ۋەزىيەتنى ۋە تەستە قولغا كەلگەن بەختلىك تۇرمۇشىمىزنى ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق قوغداپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن تۆھپە ۋە كۈچ قوشىمەن.

  شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممەمگە ئېلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ئاتلىنىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش تەشەببۇسكارلىق ئۇرۇشىنى ياخشى قىلىمەن، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، ھەر مىللەت ئامما بىلەن قول تۇتۇشۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ پولات سېپىلىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىمەن. «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقۇمنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، ھاياتىمنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدىغۇچى ۋە ئىلگىرى سۈرگۈچى بولۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بىلەن ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، گۈزەل يۇرتىمىزنى بىرلىكتە قوغدايمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى