بالىغا سۈت پاراشوكى تەييارلىغاندا، كۆپ ساندىكى ئاتا-ئانا پاراشوكنىڭ تەكشى ئارىلىشىشى ئۈچۈن، سۈت بوتۇلكىسىنى كۈچىنىڭ بارىچە ئاستى-ئۈستىگە چايقايدۇ، بىراق بۇنداق چايقالغان سۈت پاراشوكىدا كۆپۈكچىلەر پەيدا بولىدۇ. ئەگەر ئۇنى بالىغا دەرھاللا ئىچكۈزسە، بوۋاق نۇرغۇن ھاۋانى سۈمۈرۈۋالىدۇ-دە، قورسىقى كۆپۈپ كېتىدۇ.
شۇڭا سۈت پاراشوكى تەييارلىغان ۋاقىتتا، ھەرىكەت سىلىقراق بولغىنى ياخشى. مەسىلەن: دېزىنفېكسىيەلەنگەن ئىستاكانغا سېلىنغان سۈت پاراشوكىنى قوشۇق ياكى چوكا بىلەن تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ، ئاندىن سۈت بوتۇلكىسىغا قۇيسا ياكى سۈت بوتۇلكىسىنى ئاستا چايقاپ ئارىلاشتۇرسا بولىدۇ. بۇنداق بولغاندا كۆپۈك كۆپ بولمايدۇ، بوۋاقلار ئىچكەندىن كېيىنمۇ قورسىقى كۆپمەيدۇ.
تۇرسۇنئاي يۈسۈپ تەرجىمىسى
«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»دىن ئېلىندى