تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى يۇقىرى پەن-تېخنىكا رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) مائارىپ سېلىنمىسىنى كۆپەيتتى

  شىنجاڭ تورى خەۋىرى: ئۈرۈمچى شەھەرلىك 80-باشلانغۇچ، 56-، 47-، 54-، 77- ۋە 109-ئوتتۇرا مەكتەپ كېڭەيتىپ سېلىنغان ئوقۇتۇش بىنالىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، 2018-يىلى يۇقىرى پەن-تېخنىكا رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) دا يەنە 6000دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇشى كاپالەتكە ئىگە بولغان.

  مۇخبىرنىڭ 10-يانۋار يېڭىشەرھەر رايونلۇق مائارىپ ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، مائارىپتا ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇش قەدىمىنى تېزلىتىش ئۈچۈن، دۆلەت ئاچقان ئەلا سۈپەتلىك مائارىپ بايلىقى مەنبەسى يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا كېڭەيتىلگەن، بۇ يىل بۇ رايون مائارىپ ئاساسىي ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا 532 مىليون يۈەن مەبلەغ سالغان بولۇپ، يېڭىدىن سېلىنغان ۋە كېڭەيتىپ سېلىنغان يەتتە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ھەممىسى 9-ئايدا ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل بۇ رايوندا يەنە ئالتە يەسلى سېلىنىدىغان بولۇپ، 2000 بالا ئوقۇيالايدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • گېرمانىيە كوماندىسى شىۋېتسىيە كوماندىسىنى يەڭدى
  • باركۆل ساياھەتچىلەر ياقتۇرىدىغان جايغا ئايلاندى
  • ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاست جۇڭگودىكى ئون چوڭ ئېكسپېدىتسىيە ساياھەت مەنزىلگاھى بولۇپ باھالاندى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى