تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئۈرۈمچى بىلەن چېڭدۇ كۆپ تۈرلۈك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى

  رايون ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى بىلەن چېڭدۇ كۆپ تۈرلۈك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى

  مۇخبىرىمىز دۇڭ شاۋخۇا، پىراكتىكانت جۇ يۇڭخۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: 1 – ئاينىڭ 9 – كۈنى چېڭدۇ ئەركىن سودا سىناق رايونى ئۈرۈمچى ھەمكارلىق يەرمەنكىسىدە چېڭدۇ شەھىرى بىلەن ئۈرۈمچى شەھىرى تاموژنا، چېگرا پىرىيوم – كارانتىن قاتارلىق ساھەلەردە كۆپ تۈرلۈك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، ئىككى جاينىڭ ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش ئەندىزىسىنى ئورتاق بەرپا قىلدى. بۇ يەنە چېڭدۇ ئەركىن سودا سىناق رايونىنى بۇ يىل سىرتقا تونۇشتۇرىدىغان تۇنجى بېكەت.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 2013 – يىلى چېڭدۇ – ياۋروپا تېز پويىزى قاتناپ، ئىككى تەرەپ چوڭقۇر ھەمكارلىشىپ تەرەققىي قىلىشنىڭ مۇقەددىمىسىنى باشلىغان. 2017 – يىل 12 – ئاينىڭ 20 – كۈنى جۇڭگو – ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئۈرۈمچى يىغىلىش مەركىزى ‹‹چېڭدۇ – ئۈرۈمچى – تىلبۇرگ›› يىغىپ قاچىلاش – توشۇشنى سىناق قىلىدىغان تۇنجى جۇڭگو – ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنى يولغا سالدى. بۇ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىدىغان زور تەدبىر بولۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد – سودا، مال ئوبوروتى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىق قەدىمىنى تېخىمۇ تېزلەتتى.

  ‹‹2017 – يىلى سىچۈەن دۆلىتىمىزدىكى 3 – تۈركۈمدىكى ئەركىن سودا سىناق رايونىغا ئايلاندى، چېڭدۇ <بىر بەلباغ، بىر يول> بىلەن چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك قوشۇلۇش نۇقتىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىچكى قۇرۇقلۇق ئىقتىسادىي پەللىسىنى بەرپا قىلىۋاتىدۇ. بۈگۈنكى ھەمكارلىق يەرمەنكىسى ئىككى تەرەپنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلاملىق ھەمكارلىقى ۋە ماس تەرەققىياتىنى باشلايدۇ››. چېڭدۇ شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى لياۋ چېڭجېن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كېيىنكى قەدەمدە چېڭدۇ شەھىرى چېڭدۇ ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشى ئارقىلىق چېڭدۇ خەلقئارا تۆمۈريول پورتى ۋە ‹‹شۇاڭليۇ›› خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ ئورۇن ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرى قاتارلىق شەھەرلەر بىلەن بىرلىشىپ، خەلقئارا ‹‹چوڭ قانال››، ‹‹چوڭ سۇپا›› قۇرۇپ، ئىسلاھاتنىڭ پايدىسى ۋە پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىلىنىپ، رايون ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۈچەيتىدۇ.

  يېقىندا چېڭدۇ خەلقئارا تۆمۈريول پورتىنى باشقۇرۇش كومىتېتى چېڭدۇ تاموژنىسى، ئۈرۈمچى تاموژنىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ، جۇڭگو – ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى (چېڭدۇ – ياۋروپا تېز پويىزى) ئارقىلىق ئۈرۈمچىدە چېتىش ۋە يىغىپ توشۇشنى قانات يايدۇرۇشتىن ئىبارەت يېڭى تىرانسپورت ئەندىزىسىنى ئورتاق تەتقىق قىلىپ، چېڭدۇ ۋە ئۈرۈمچىدىن ئىبارەت ئىككى جاينىڭ كەسىپ ھەمكارلىقىدا تەڭ پايدا ئېلىپ، ماس تەرەققىي قىلىشنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى لى يەنجۈن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو – ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى (چېڭدۇ – ياۋروپا تېز پويىزى) تېز تەرەققىي قىلىپ، بۇلتۇر 1000 قېتىمدىن ئارتۇق قاتناپ، ئېلىمىزدىكى جۇڭگو – ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزلىرى ئىچىدە بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتتى ھەم مول تەجرىبىگە ئىگە بولدى. ئىككى جاينىڭ قولمۇقول تۇتۇشۇپ، شىنجاڭدا يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇشقا تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  بۇنىڭدىن باشقا، چېڭدۇ خەلقئارا تۆمۈريول پورتىنى باشقۇرۇش كومىتېتى بىلەن ئۈرۈمچى ئىقتىساد – تېخنىكا تەرەققىيات رايونى ھەمكارلىق – ئالماشتۇرۇش تۈزۈمى ئورنىتىش، جۇڭگو – ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنى چېتىش ۋە مالنى يىغىپ توشۇشنى كۈچەيتىش، سودا، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش، ئەركىن سودا رايونى ھەمتۈرتكە بولۇش سىنىقى ۋە ئىختىساسلىقلارنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردە ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى. سودا ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشتە ئىككى تەرەپ بىرلىشىپ ‹‹چېڭدۇ – ئۈرۈمچى كەسىپ ھەمكارلىق رايونى›› قۇرۇش؛ چېڭدۇ خەلقئارا تۆمۈريول پورتى ۋە ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى ۋىۋىسكا ئېسىپ، بايلىقلارنى جىپسىلاشتۇرۇش، ئۇچۇردىن ھەمبەھرىلىنىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئىككى جاينىڭ ئەۋزەل ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى