تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

2017–يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى شەھەر–بازارلاردا 470 مىڭ كىشى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتى

  مۇخبىرىمىز لى چۈنشيا، پىراكتىكانت دىڭ جىڭنىڭ 1 – ئاينىڭ 8 – كۈنى ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت خىزمىتى يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، 2017 – يىلى ئاپتونوم رايونىمىز ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەش خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى شەھەر – بازارلاردا 470 مىڭ كىشى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلىشىپ، پۈتۈن يىللىق نىشان – ۋەزىپە %108ئورۇندالغان.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى جاڭ رۇڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 2017 – يىلى ئاپتونوم رايونىمىز ‹‹ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش يىلى›› پائالىيىتىنى يولغا قويۇپ، جايلارنىڭ تېخى ئەمەلىيلەشمىگەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسەتلىرىنى تىزىملاپ باشقۇرۇشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، تۈرلۈك سىياسەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلغان. شەھەر – يېزىلاردا كەڭ دائىرىدە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ يولغا قويۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ يۆلەش سىياسىتىنى داۋاملىق شەھەر – بازارلاردا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىن يېزىلاردا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا، شەھەر – بازارلاردىكى ئەمگەكچىلەردىن يېزىلاردىكى ئەمگەكچىلەرگە كېڭەيتكەن، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى يېتەكچى قىلىپ، شەھەر – يېزىلارنىڭ كەسىپلەر بويىچە تەربىيەلەش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە بىرتۇتاش پىلانلاپ، باراۋەر بولغان جامائەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، بىرتۇتاش پىلانلانغان شەھەر – يېزا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتى سىستېمىسى ۋە خىزمەت سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرگەن.

  2017 – يىلى ئاپتونوم رايونىمىز ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ۋە ئىگىلىك تىكلىشىگە تۈرتكە بولۇش پىلانىنى يولغا قويۇپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاساسىي قاتلامدا، كارخانىلاردا ئىشقا ئورۇنلىشىشى ۋە ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىشىنى ئىلگىرى سۈردى، ئاپتونوم رايونىمىز تەۋەسىدە 2017 – يىلى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى %89.62 بولۇپ، 2016 – يىلىدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 5.42 پىرسەنت پوئېنت ئاشتى؛ ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى %93.74كە يەتتى. ئاپتونوم رايونىمىز يەنە ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزۈپ ئىشقا ئورۇنلاشمىغان 5442 ئوقۇغۇچىنى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرگە تەربىيەلىنىشكە ئەۋەتتى.

  ئاپتونوم رايونىمىز ئىگىلىك تىكلەشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولدى. 2017 – يىلى ئاپتونوم رايونىمىز شىنجاڭ ئىگىلىك تىكلەش مۇلازىمەت ئىتتىپاقى قۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىگىلىك تىكلەش بويىچە تەربىيەلەش، ئىگىلىك تىكلەشكە يېتەكچىلىك قىلىش، ئىگىلىك تىكلەش بويىچە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش، ئىگىلىك تىكلەش بازىسى قاتارلىق بايلىقلىرىغا بىرىكتۈرۈپ، ئىگىلىك تىكلەشكە تۈرتكە بولۇش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكلەيدىغان يېڭى مېخانىزم شەكىللەندۈردى. بۇ بىر يىلدا 76 مىڭ 800 كىشى يېڭىدىن ئىگىلىك تىكلەپ، 165 مىڭ 900 كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، يىللىق نىشان – ۋەزىپە ئايرىم – ئايرىم ھالدا %256، %184.3 ئورۇندالدى.

  ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىدە ئاپتونوم رايونىمىز يەنە دەل جايىدا يۆلەشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشى تەس بولغانلارغا قارىتا ‹‹بىرگە بىر يۆلەش›› ۋە ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يوق ئائىلىدىن بىر كىشىنى 24 سائەت ئىچىدە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى دائىملىق يولغا قويۇپ، ‹‹بىرگە بىر يۆلەش›› تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىز قوغلاپ مۇلازىمەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، سىياسەت، ئىش ئورنى ۋە مۇلازىمەتنىڭ ئادەملەرگىچە ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلدى. 2017 – يىلى ئاپتونوم رايون ئىشقا ئورۇنلىشىشى تەس بولغانلاردىن 58 مىڭ 500 كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، يىللىق نىشان – ۋەزىپىنى %117ئورۇنداپ، ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يوق ئائىلىدىن بىر كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ھالىتىنى داۋاملىق ساقلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • گېرمانىيە كوماندىسى شىۋېتسىيە كوماندىسىنى يەڭدى
  • باركۆل ساياھەتچىلەر ياقتۇرىدىغان جايغا ئايلاندى
  • ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاست جۇڭگودىكى ئون چوڭ ئېكسپېدىتسىيە ساياھەت مەنزىلگاھى بولۇپ باھالاندى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى