جېدەللىشىش ئەر-خوتۇنلۇق تۇرمۇشتىكى نورمال ئەھۋال. تۇنجى قېتىم جېدەللىشىپ قالغاندا، ھەر ئىككى تەرەپ ئېغىر-بېسىق بولۇپ، تۆۋەندىكى ئىشلارغا دىققەت قىلىشى كېرەك:
بىرىنچى، تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرمەسلىك، كونا خاماننى سورۇماسلىق. «كۆڭلۈڭدە مەن يوق»، «سەن بەك شەخسىيەتچى» دېگەندەك گەپلەر بىلەن قارشى تەرەپنى ئەيىبلىمەسلىك كېرەك. بۇنى قارشى تەرەپ قوبۇل قىلالمايدۇ-دە، ئاسانلا چوڭ زىددىيەتكە ئايلىنىپ قالىدۇ.
ئىككىنچى، تىللىماسلىق، سەت گەپ قىلماسلىق. بۇنداق قىلغاندا مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولمايلا قالماستىن، جورىسىنىڭ غۇرۇرىغا تېگىپ، ئەر-خوتۇن ئوتتۇرىسىدىكى ھېسسىياتقا تەسىر يېتىدۇ.
ئۈچىنچى، بەك چىڭ ئېسىلىۋالماسلىق. قارشى تەرەپنىڭ ئويىنى بىلسەكلا، مەقسەتكە يەتكەن بولىمىز. بەزى ئەر-خوتۇنلارنىڭ بەسلىشىش ئىدىيەسى بەك كۈچلۈك بولۇپ، قارشى تەرەپتىن ئۇتتۇرغانلىقىغا تەن بېرىپ، ئۆزىدىن ئەپۇ سورىشىنى تەلەپ قىلىدۇ، بۇنداق قىلىش ياخشى ئەمەس، ئەر-خوتۇن ئوتتۇرىسىدا كىمنىڭ يېڭىشى، كىمنىڭ يېڭىلىشىنىڭ نېمە پەرقى؟
تۆتىنچى، ئىككى تەرەپنىڭ ئاتا-ئانىسىغا كۆپتۈرۈپ ھال ئېيتماسلىق كېرەك، ھال ئېيتىۋېرىشكىمۇ بولمايدۇ، بۇنداق قىلسىڭىز، جورىڭىزنى بىزار قىلىپ قويىسىز. جېدەللەشكەندىن كېيىن، ھەر ئىككى تەرەپ ئۆزىنى تەكشۈرۈشى، قارشى تەرەپكە تەسەللى بېرىشى، كېيىنكى تۇرمۇشتا ئوتتۇرىغا سوغۇقچىلىق چۈشۈپ قېلىشتىن ساقلىنىشى لازىم.
«گۈزەل ئايال، بەختلىك ئائىلە» ناملىق يۈرۈشلۈك كىتابتىن ئېلىندى