شىنخۇا تورى خەۋىرى: ئۈچ نۆۋەتلىك ئاسىيا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ U23 ياشلىقلار لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىگە قاتناشقان ئېلىمىز U23 ياشلىقلار كوماندىسى 9-يانۋار 0 گە قارشى 3 نەتىجىدە ئومان كوماندىسىنى يېڭىپ تۇنجى غەلبىنى قولغا كەلتۈردى. بىراق ئېلىمىز پۇتبولچىلىرىنىڭ قىياپىتى، ھالىتى كىشلەرنى غەلبىدىنمۇ بەكرەك زوقلاندۇردى. بىر مەيدان مۇسابىقىدە بەلكىم تاساددىپىيلىقمۇ يۈز بېرىشى مۇمكىن، بىراق بىر كوماندا ئەزالىرىنىڭ مۇسابىقىدىكى كۆتۈرەڭگۈ، جۇشقۇن روھىي ھالىتى تېخىمۇ مۇھىم رول ئوينىشى مۇمكىن. بۇنىڭدىن سىرت بىز پەقەت بىر مەيدان غەلبە ئارقىلىقلا خۇدىمىزنى يوقىتىپ قويماي، ئېلىمىز پۇتبولچىلىرىنىڭ تېخىمۇ پىشىپ يېتىلىشىنى كۈتىشىمىز كېرەك، چۈنكى ئۇلار ئېلىمىز پۇتبولچىلىقىنىڭ كەلگۈسى ئۈمىدى ھېسابلىنىدۇ.
لىپپنىڭ ئېلىمىز پۇتبولچىلىقىغا قوشقان تۆھپىسى ھەققىدە توختالساق كوماندىنىڭ روھىي ھالىتىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى تىلغا ئالماي تۇرالمايمىز. 9-يانۋار ئومان كوماندىسى بىلەن چۈشكەن مۇسابىقىدە بىز ئېلىمىز پۇتبولچىلىرىنىڭ روھىي ھالىتىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇپ يەتتۇق. كوماندا ئەزالىرىنىڭ تاكتىكىلىق ماھارەتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ماسلىشىش 0 گە قارشى 3 نەتىجىنىڭ تاساددىپىيلىق ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاپ بەردى.
ئېلىمىز كوماندىسىنىڭ تۇنجى غەلبىسى ياخشى باشلىنىشتىن دېرەك بېرىدۇ. گۇرۇپپىلارئارا مۇسابىقىدىن كېيىن ئېلىمىز كوماندىسى ئۆزبېكىستان كوماندىسى ۋە قاتار كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ، بۇ ئىككى كوماندىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىدارى تېخىمۇ يۇقىرى بولسىمۇ، ئۇلار ئېلىمىز كوماندىسىنىڭ «سىناق تېشى» بولىدۇ، خالاس.
بىز ئۈچۈن بىر مەيدان مۇسابىقىدە مۇھىمى يېڭىش-يېڭىلىش ئەمەس، بەلكى جەڭگىۋار روھىي ھالىتىنى يوقۇتۇپ قويماسلىق ۋە مەغلۇپ بولغاندىن كېيىنمۇ يەنە داۋاملىق غەلبە ئۈچۈن كۆرەش قىلىش روھىنى داۋاملاشتۇرۇشتۇر.