تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، يېڭى تەرەققىياتنى ئىلمىي پىلانلاپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىنىڭ يەنىمۇ يۈكسىلىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك

  شۆھرەت زاكىرنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ‹‹ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات››قا پىكىر ئېلىش سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى

  قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، يېڭى تەرەققىياتنى ئىلمىي پىلانلاپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىنىڭ يەنىمۇ يۈكسىلىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك

  مۇخبىرىمىز دۇڭ شاۋخۇا خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىرنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 1 – ئاينىڭ 10 –  كۈنى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلىپ، مۇتەخەسسىسلەر، ھۆكۈمەت مەسلىھەتچىلىرى، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە – گۇرۇھلاردىكى زاتلاردىن، شۇنداقلا كارخانىچى، ئوقۇتقۇچى، دېھقان قاتارلىق ھەرساھە ۋەكىللىرىدىن ئاپتونوم رايونلۇق 13 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلىدىغان ‹‹ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات››قا پىكىر – تەكلىپ ئېلىندى.

  سۆھبەت يىغىنىدا كۆپچىلىك كەڭ – كۇشادە پىكىر بايان قىلىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇۋەپپەقىيەتلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، ئۆز ساھەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش، پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈپ راۋاجلاندۇرۇش، ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش جەھەتلەردە كونكرېت تەكلىپ بەردى.

  شۆھرەت زاكىر ھەرساھە ۋەكىللىرىنىڭ پىكىر – تەكلىپلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى سەۋىيەلىك ‹‹ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات›› خەلقنىڭ تەقەززاسىغا قايتۇرۇلغان ئىنكاس بولۇپ، يېڭى بىر يىلدا ھۆكۈمەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ھەر ساھەدىكىلەر بولۇپمۇ مۇتەخەسسىس، ئالىملاردىن، ئاساسىي قاتلامدىكى ئامما ۋەكىللىرىدىن كەڭ كۆلەمدە پىكىر – تەكلىپ ئېلىش ‹‹ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات››نى تەييارلاشتىكى مۇھىم ھالقا، ھۆكۈمەت كۆپچىلىكنىڭ پىكىر – تەكلىپلىرىنى ئەستايىدىل رەتلەپ ۋە مۇھاكىمە قىلىپ، قوبۇل قىلىشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇق قوبۇل قىلىپ، تىرىشىپ ھەر مىللەت ئامما رازى بولغۇدەك ياخشى دوكلات تەييارلايدۇ.

  شۆھرەت زاكىر مۇنداق كۆرسەتتى: ئۆتكەن بىر يىلدا ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ھەممەيلەن پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇردى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن ‹‹بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش›› ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈشنى زىچ چۆرىدەپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، يېڭى تەرەققىيات قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ – خەتەردىن مۇداپىئەلىنىش قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلىدى، ئاپتونوم رايون بويىچە ئىقتىسادىي تەرەققىيات مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىپ، ئىجتىمائىي ئىشلار ئۈزلۈكسىز راۋاجلىنىپ، خەلق تۇرمۇشى سىجىل ياخشىلىنىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك ئاشتى.

  شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېڭى بىر يىلدا ئاپتونوم رايوننىڭ ھەرقايسى جەھەتلەردىكى خىزمەت ۋەزىپىسى مۈشكۈل، كۆپچىلىكنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتى ئۈچۈن داۋاملىق چارە – تەدبىر كۆرسىتىپ، ھۆكۈمەتنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ئىلگىرىكىدەك قوللىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە ‹‹ئۈچ چوڭ جەڭ››نى قەتئىي ياخشى قىلىپ، خەلق تۇرمۇشىنى تىرىشىپ ياخشىلاپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ سىجىل ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغداپ، ھەر مىللەت ئاممىغا تىرىشىپ ئەلا نەتىجە بىلەن جاۋاب قايتۇرىدۇ.

  ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن ئەركىن تۇنىياز، مۇتەللىپ قاسىم، جەرۇللا ھېسامىدىن، ماغاۋ سېيىتقامزە، جاڭ چۈنلىن، جاۋ چىڭ، ليۇ جيەنشىن، ۋەن خەيچۈەن قاتارلىقلار سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى