ئاسىيا مەركىزى تورى خەۋىرى: ئىستېمالچىلار سېتىۋالغان نەرسىلەرنىڭ سۈپىتىدە مەسىلە كۆرۈلسە ئىلگىرى «12315» غا تېلېفون قىلاتتى، ھازىر «12315» تېلېفونىنىڭ ئەرز قوبۇل قىلىش دائىرىسى تېخىمۇ كېڭەيتىلدى.
ھازىردىن باشلاپ، ئىستېمالچىلار سېتىۋالغان ئۆي ياكى يېمەكلىك، دورىدا مەسىلە بولسا «12315» غا تېلېفون ئۇرسا، تېلېفون قوبۇل قىلغۇچى بۇ ئۇچۇرلارنى ئاپتونوم رايونلۇق ئىستېمالچىلار ھوقۇقىنى قوغداش تور مۇلازىمەت سۇپىسىغا يوللاپ ئەنگە ئالغۇزۇپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش مېخانىزمى ئارقىلىق، بۇ مەسىلىنى ئالاقىدار ئورۇنلارغا يەتكۈزىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، ھازىر ئاپتونوم رايونىمىز«12315» تېلېفونى ئارقىلىق ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش تىرانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق دورا-يېمەكلىكلەرنى نازارەت قىلىش ئىدارىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پوچتا ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئۇچۇر ئالاقە باشقۇرۇش ئىدارىسى، ئاپتونوم رايونلۇق سۈپەت نازارەتچىلىك ئىدارىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئولتۇراق ئۆي شەھەر-يېزا قۇرۇلۇش نازارىتى قاتارلىق سەككىز تارماققا چېتىشلىق ئەرزلەرنى قوبۇل قىلىدىغان بولۇپ، بۇنىڭدىن كېيىن 31 تارماققا كېڭەيتىلىدىكەن. بۇ يىل، ئاپتونوم رايونلۇق سودا-سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى «سودا-سانائەتتە يۈز ئىشنى بىلىش» سۇپىسىنى بەرپا قىلىدىكەن، ئىستېمالچىلار«12315» تېلېفونى ئارقىلىق پاش قىلىش بىلەن بىرگە، يەنە كارخانىنى تىزىملاش، كارخانىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە سودا-سانائەت ئىشلىرىغا ئائىت ئىشلاردىن مەسلىھەت سورىيالايدىكەن.
2017-يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدا«12315» پاش قىلىش تېلېفونى ئارقىلىق 276 مىڭ 700 دېلو قوبۇل قىلىنىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ 61 مىليون يۈەنگە يېقىن ئىقتىسادىي زىيىنى قايتۇرۇپ كېلىنگەن.