تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

ئىگىلىك تىكلەپ «ياغاچچى» بولغان ئىستۇدېنت قىز

  سۇڭ لېلې ياغاچ سەنئىتى خىزمىتى ئىشخانىسىدىكى سايمان جازىسىدىن كېرەكلىك سايمانلارنى تاللىماقتا (9-يانۋار فوتوسى).

  1995-يىلى تۇغۇلغان گەنسۇلۇق قىز سۇ لېلې، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان بالىلار مائارىپى كەسپى بىلەن شۇغۇللانماستىن، شاڭخەي، چۇڭچىڭ قاتارلىق شەھەرلەرگە بېرىپ ياغاچچىلىق سەنئىتىنى ئۆگەنگەن. لەنجۇغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇ ئائىلىسىدىكىلەرنى قايىل قىلىپ، لەنجۇ ۋېنچۇاڭ سارىيىدا ياغاچچىلىق سەنئىتى ئىشخانىسىنى قۇرغان. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: مەن كىچىكىمدىن ياغاچچىلىق سەنئىتىگە قىزىقىمەن، مەكتەپ پۈتكۈزگەندىن كېيىن قايتا-قايتا ئەستايىدىل ئويلىنىش ئارقىلىق ئەڭ ئاخىرىدا ئۆزەمنىڭ ياقتۇرۇشى بويىچە ئىگىلىك تىكلەشنى قارار قىلدىم.

     كۆلىمى ئانچە چوڭ بولمىغان ياغاچچىلىق سەنئىتى ئىشخانىسىدا ھەر خىل بىلەيزۈك، سەنئەتلىك كۆكتات تاختىسى، سىياھ قەلەم قاتارلىق 30 خىلدىن ئارتۇق ياغاچچىلىق سەنئىتى ئەسەرلىرى تىزىپ قويۇلغانىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى بۇ تىرىشچان قىز ئەجىر قىلىپ بىر-بىرلەپ ياساپ چىققان بولۇپ، ئۇ سەنئەتلىك ئەسەرلەرنى كۆرسىتىپ مۇنداق دېدى: بۇ يەرگە تىزىپ قويۇلغانلارنىڭ ھەممىسى مەن ياساپ چىققان نۇسخىلار، مەن بۇ يەرگە كەلگەن خېرىدارلارنى سايمان ۋە ياغاچ ماتېرىيالى بىلەن تەمىنلەيمەن، ھەمدە ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى قول سېلىپ ياغاچ سەنئىتى ئەسەرلىرىنى تاماملىشىغا يېتەكچىلىك قىلىمەن.

     ياغاچ سەنئىتى ئىشخانىسىدا ئۆزگىچە تىجارەت ئەندىزىسى شەكىللەنگەن بولۇپ، خېرىدارلار كۈنسايىن كۆپىيىپ ئۆزلىرى قول سېلىپ ئىشلەش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلدى. شۇنىڭدەك يېڭىلا ئىگىلىك تىكلەشنى باشلىغان سۇڭ لېلېى ھەر ئايدا 10 مىڭ يۈەنگە يېقىن كىرىم قىلالايدىغان بولدى. يېڭى يىل كىرىشى بىلەن، سۇڭ لېلې تېخىمۇ كۆپ خېرىدارلارنى جەلىپ قىلىپ، ئۇلار بىلەن بىرلىكتە ھەر خىل يېڭى سەنئەتلىك ئەسەرلەرنى ياساپ، ياغاچچلىق سەنئىتى ھۈنەر-سەنئىتىگە ۋارىسلىق قىلىغۇچىلارنى تەربىيەلەپ چىقىش ئۈچۈن، توختاۋسىز ئىزدىنىش پىلانى تۈزدى.

(شىنخۇا تورى، فەن پېيشېن فوتوسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى