تەڭرىتاغ تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

سەمىمىي ئۈمىدنى ئاقلاپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقايلى

  گېزىتىمىز ئوبزورچىسى

  نەزەرىمىزنى 2017 – يىلى 1 – ئاينىڭ 11 – كۈنىگە ئاغدۇرساق، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ قۇربان تۇلۇمنىڭ قىزى توختىخان قۇربانغا جاۋاب خەت يېزىپ، قۇربان تۇلۇمنىڭ ئەۋلادلىرىنى يۇرتداشلىرى بىلەن بىرلىكتە پارتىيەنى، ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى قىزغىن سۆيۈشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشقا يېتەكلەپ، پارتىيە رەھبەرلىكىدە شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ گۈزەل ئەتىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشقا ئىلھاملاندۇرغانىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قۇربان تۇلۇمنىڭ ئەۋلادلىرىغا ھاۋالە قىلغان سەمىمىي تاپشۇرۇقى، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقتىن كۈتكەن سەمىمىي ئۈمىدىدۇر. بىر يىلدىن بۇيان، باش شۇجىنىڭ جاۋاب خېتى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىر، ئاممىنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىتتىپاق – ئىناق، باي، گۈللەنگەن، مەدەنىي ، تەرەققىي قىلغان، خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، قول تۇتۇشۇپ كۈرەش قىلىشقا ئىلھاملاندۇردى ۋە رىغبەتلەندۈردى.

  بۇ بىر يىلدا توققۇز تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە بەخت تۇيغۇسى كۈنسايىن ئاشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، خەلق تۇرمۇشىغا دائىر قۇرۇلۇشلارنى ئالدىن يولغا قويۇشتا باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىپ، ئەمەلىي ئىش قىلىپ، ئەمەلىي ئۈنۈم قازاندى. ئومۇمىي خەلق سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرۈش، يېزىلاردا مەجبۇرىيەت ئەمگىكىنى تولۇق ئەمەلدىن قالدۇرۇش، كادىرلار جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ‹‹قوش تىل›› يەسلى مائارىپىغا ياردەم بېرىش ... ھەر مىللەت ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشلىرى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتتى.

  بۇ بىر يىلدا ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ ئاساسى تېخىمۇ پۇختىلاندى. 2017 – يىلى ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنىڭ قانات يايدۇرۇلغىنىغا تۆت يىل بولدى، بىر يىلنىڭ تۆت پەسلىدە نەچچە ئون مىڭ پارتىيە ئەزاسى، كادىر ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىدە چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاساسنى پۇختىلايدىغان، ئاساسنى كۈچەيتىدىغان يېڭى، ئەمەلىي تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ ئاساسىي قاتلام ئۇلىنى مۇستەھكەملىدى.

  بۇ بىر يىلدا ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتى شىنجاڭ زېمىنىدا ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلۇپ، كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا پورەكلەپ ئېچىلدى. بىر يىلدىن بۇيان 1 مىليوندىن ئارتۇق كادىر، ئىشچى – خىزمەتچى ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتىگە قاتناشتى. تۇغقانلار ئىزدەشكەنسېرى يېقىنلىشىدۇ، ھېسسىيات شۇنچە قويۇقلىشىدۇ. ھەر مىللەت كادىر ۋە ئامما ئۆز ئارا باردى – كەلدى قىلىش، ئۆز ئارا ياردەملىشىش جەريانىدا، قول تۇتۇشۇپ قەلبداش بىر ئائىلە كىشىلىرىگە ئايلاندى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئىشلىرى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى ۋە تەرەققىي قىلدى.

  بۇ بىر يىلدا جەنۇبىي شىنجاڭدا كىشىنى خۇشال قىلىدىغان نۇرغۇن ئۆزگىرىش بولدى: بۇ بىر يىلدا، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا ياڭراق، ئىللىق ئىناقلىق كۈيى ياڭرىدى. بۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل – قىزلىرىغا قىلغان سەمىمىي غەمخورلۇقىدۇر، بۇ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ شىنجاڭ زېمىنىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىسىدۇر. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلىغان شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل – قىزلىرى پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق پارتىيەنى، ۋەتەننى ۋە جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى قىزغىن سۆيىدىغان چوڭقۇر مېھرىنى نامايان قىلدى؛ بۇ بىر يىلدا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھە زاتلار بەس – بەستە دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، دۈشمەنگە قارشى بىر سەپتە تۇرۇپ ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قاتتىق لەنەت ئوقۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداشنىڭ ئورتاق قەلب ساداسىنى ياڭراتتى؛ بۇ بىر يىلدا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت قېرىنداشلار چىن ھېسسىياتى بىلەن ھەمتۈرتكە بولۇپ، ئىناق بىللە ئۆتۈپ، خۇددى ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشتى؛ بۇ بىر يىلدا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ھەممەيلەن بىر نىيەتتە تىرىشىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىگە ئاتلىنىپ، ئومۇمىيۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش سەپىرىدە بىرەر ئادەمنىمۇ سەپتىن چۈشۈرۈپ قويمىدى؛ بۇ بىر يىلدا، ئاپتونوم رايونىمىز پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنى تېز، پۇختا ئىلگىرى سۈردى...... بۇلار دەل شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىر، ئاممىنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي ئۈمىدىنى ئۆلچەم قىلىپ، يۈكسەك سىياسىي ئاڭلىقلىق، ئىدىيەۋى ئاڭلىقلىق ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى تۇرغۇزغانلىقىنىڭ نەتىجىسىدۇر، تەڭرىتاغ ئوغۇل – قىزلىرىنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، باش شۇجىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى ۋە كۆيۈنۈشىگە قايتۇرغان ئەڭ ياخشى جاۋابىدۇر.

  بىر يىل ۋاقىت ناھايىتى قىسقا، ئاشۇ سەمىمىي سۆزلەر قۇلاق تۈۋىمىزدە جاراڭلىماقتا، شۇ يولدىكى كۈرەشلەر يەنىلا ئوتتەك قىزغىن داۋاملاشماقتا.

  بىر يىل ۋاقىت ئۆز نۆۋىتىدە يەنە تولىمۇ ئۇزاق، باش شۇجىنىڭ سەمىمىي ئۈمىدى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ قەلبىگە نەقىشلەنگەن، بۇ زېمىنغا سىڭگەن، كىشىلەرنىڭ توختىماي كۈرەش قىلىشىغا ئەگىشىپ، يېڭىدىن يېڭى نۇرلارنى چاچماقتا.

  پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم ۋەزىپە. ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتى تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشنى كۈچەيتىپ، مىللەتلەرنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىش كېرەك››. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر يىل ئىلگىرى يازغان جاۋاب خېتىدىكى سەمىمىي ئۈمىدى بىلەن بىردەك. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ گۈزەل ئەتىسىنى بەرپا قىلايلى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئېسىمىزدە مەڭگۈ ساقلايلى» باش تېمىسىدىكى گۈزەل سەنئەت، ھۆسىنخەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى
  • گۈزەل سەيلىگاھ قۇمقاناس
  • ھەر مىللەت ئاھالە ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئاكتىپ ئېنېرگىيەسىنى مۇجەسسەملىدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى