خەلق تورى خەۋىرى: بېيجىڭ شەھەرلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىللىگەن « <تەبەسسۇم>نى ئۆيگە ئېلىپ كېتىش، ئەڭ گۈزەل ئەمگەكچىنى قوللاش» چوڭ تىپتىكى پاراۋانلىق پائالىيىتى 9-يانۋار بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. فوتوگراف پىدائىيلار قۇرۇلۇش، مۇھىت ئاسراش، ئامانلىق ساقلاش، تېز يوللانما يەتكۈزۈش قاتارلىق 20 دىن ئارتۇق كەسىپتىكى مىڭ نەپەر ئەمگەكچىنىڭ كۈلۈمسىرىگەن سۈرىتىنى ھەقسىز سۈرەتكە تارتىپ، ئۇلارنىڭ چاغاندا ‹‹تەبەسسۇم›› سۈرىتىنى بىرگە ئۆيگە ئېلىپ كېتىشىنى ئارزۇ قىلغان.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، « <تەبەسسۇم>نى ئۆيگە ئېلىپ كېتىش، ئەڭ گۈزەل ئەمگەكچىنى قوللاش» چوڭ تىپتىكى پاراۋانلىق پائالىيىتى يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، ئۇدا ئۈچ نۆۋەت ئۆتكۈزۈلگەن. ئۈچ يىلدىن بېرى، ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپ بېيجىڭدا خىزمەت قىلىۋاتقان 3000دىن ئارتۇق ئەمگەكچىنى ھەقسىز سۈرەتكە تارتىپ، سۈرىتىنى سوۋغا قىلغان. بۇ قېتىملىق پائالىيەتتە 1000 دىن ئارتۇق ئەمگەكچىگە خىزمەت جەريانىدىكى كۈلۈمسىرەپ چۈشكەن سۈرىتى سوۋغا قىلىنغان.