ئەمچەكتە مۇنەكچە پەيدا بولۇپ قالىدۇ، ئاغرىمايدۇ، قول بىلەن تۇتۇپ تەكشۈرگەندە ئاسانلىقچە مىدىرلىمايدۇ، تولاراق كىيىم ئالماشتۇرغاندا ياكى يۇيۇنغاندا بايقىلىدۇ؛
ئەمچەك توپچىسى ئولتۇرۇشۇپ كېتىدۇ؛
ئەمچەك تېرىسىدە ئاپلېسىن پوستىدەك تەكشىسىزلىك ياكى يارا كۆرۈلىدۇ؛
ئەمچەكتىن قان ياكى بىنورمال سۇيۇقلۇق ئېقىپ قالىدۇ؛
ئەمچەكنىڭ شەكلى ئۇشتۇمتۇت ئۆزگىرىپ قالىدۇ.
ئەگەر ئەمچەكتە يۇقىرىدىكى ئۆزگىرىشلەر كۆرۈلسە دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك.
«گۈزەل ئايال، بەختلىك ئائىلە» تېمىسىدىكى بىر يۈرۈش كىتابدىن ئېلىندى