تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ قوراللىق ساقچى قىسىمىغا بايراق بېرىش مۇراسىمى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

  شى جىنپىڭ قوراللىق ساقچى قىسىمىغا بايراق بەردى ھەم نۇتۇق سۆزلىدى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 – ئاينىڭ 10 – كۈنى تېلېگراممىسى. مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ قوراللىق ساقچى قىسىمىغا بايراق بېرىش مۇراسىمى 1 – ئاينىڭ 10 – كۈنى بېيجىڭ ‹‹1 – ئاۋغۇست›› بىناسىدا ئۆتكۈزۈلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ قوراللىق ساقچى قىسىمىغا بايراق بەردى ھەم نۇتۇق سۆزلىدى.

  بايراق بېرىش مۇراسىمى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 دا باشلاندى، كوماندىر – جەڭچىلەر رەتلىك تىزىلغان بولۇپ، پۈتۈن مەيداندىكىلەر ياڭراق ئاۋازدا دۆلەت شېئىرى ئوقۇدى. ھۆرمەت قاراۋۇللىرى قوراللىق ساقچى قىسىمىنىڭ بايرىقىنى مۇھاپىزەت قىلىپ، ھۆرمەت قەدىمى بىلەن رەئىس سەھنىسىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. شى جىنپىڭ قوراللىق ساقچى قىسىمىنىڭ قوماندانى ۋاڭ نىڭ، سىياسىي كومىسسارى جۇ شېڭلىڭغا تەنتەنىلىك ھالدا بايراقنى بەردى. ۋاڭ نىڭ بىلەن جۇ شېڭلىڭ جەڭگىۋار قىياپەتتە شى جىنپىڭغا چاس بېرىپ، شى جىنپىڭنىڭ قولىدىن قوراللىق ساقچى قىسىمىنىڭ بايرىقىنى تاپشۇرۇۋېلىپ، بايراقنى كۆتۈرۈپ ھۆرمەتتە تۇردى. قوراللىق ساقچى قىسىم كوماندىر – جەڭچىلىرى بايراققا ھۆرمەت بىلەن چاس بەردى.

  بايراق بېرىش مۇراسىمىدىن كېيىن شى جىنپىڭ نۇتۇق سۆزلىدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى قوراللىق ساقچى قىسىمىنىڭ رەھبەرلىك، قوماندانلىق تۈزۈلمىسىنى تەڭشەشنى قارار قىلدى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېت قوراللىق ساقچى قىسىمىغا مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىدۇ، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ــــ قوراللىق ساقچى قىسىم ــــ ھەربىي قىسىم رەھبەرلىك، قوماندانلىق قىلىش تۈزۈلمىسى يولغا قويۇلىدۇ. بۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى قوراللىق كۈچلەرگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ھەربىي تۈزۈمدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش ئاساسىدا چىقارغان زور سىياسىي قارارى، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا زور ھەم چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: قوراللىق ساقچى قىسىم پارتىيە رەھبەرلىكىدىكى خەلق قوراللىق كۈچلىرىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشىنى قوغداشتا زور مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالغان، سىياسىي بىخەتەرلىك، بولۇپمۇ ھاكىمىيەتنىڭ بىخەتەرلىكى، تۈزۈم بىخەتەرلىكىنى قوغداشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا قەتئىي بويسۇنۇپ، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ بۇيرۇقىغا قەتئىي بويسۇنۇپ، سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى كۈچەيتىپ، مەڭگۈ پارتىيە ۋە خەلقنىڭ سادىق قوغدىغۇچىلىرىدىن بولۇشى كېرەك. قۇرۇلۇش، تەرەققىياتنى تېزلىتىپ، ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، كۆپ خىل ئىقتىدار بىر گەۋدىلەشكەن، مۇقىملىقنى ئۈنۈملۈك قوغدايدىغان بولۇش ئىستراتېگىيەلىك تەلىپى بويىچە پۈتۈن ئارمىيەنىڭ بىرلەشمە ئۇرۇش قىلىش سىستېمىسىغا سىڭىشىشنى، ئارمىيە بىلەن يەرلىك ماسلىشىپ بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىش يېڭى ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش سالمىقىنى زورايتىپ، سۈپەت، ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈپ، قۇدرەتلىك زامانىۋىلاشقان قوراللىق ساقچى قىسىمىنى تىرىشىپ قۇرۇپ چىقىشى كېرەك. كۈچنى ھەربىي مەشىق ۋە ئۇرۇش تەييارلىقىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى ھەربىي ئىستراتېگىيە فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، باشتىن – ئاخىر يۈكسەك ھوشيار بولۇپ، ئەمەلىي ئۇرۇش ھەربىي مەشىقىنى چىڭ تۇتۇپ، ۋەزىپە ئۆتەش، تاسادىپىي ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش قاتارلىق خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، پارتىيە ۋە خەلق تاپشۇرغان يېڭى دەۋردىكى بۇرچ ۋە ۋەزىپىنى قەتئىي ئورۇندىشى كېرەك. قانۇن بويىچە قاتتىق باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئارمىيەنى قاتتىق باشقۇرۇش تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شەرەپلىك ئەنئەنە ۋە ئېسىل ئىستىلنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىستىلنى توغرىلاپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، رەزىللىكنى جازالاشنى چىڭ تۇتۇپ، سىياسىي ئېكولوگىيەنى ساپلاشتۇرۇپ، زور ئاكتىپ كۈچنى مۇجەسسەملەپ، قوراللىق ساقچى قىسىمىنىڭ شەرەپلىك تارىخىدا تىرىشىپ يېڭى دەۋر سەھىپىسىنى پۈتۈشى لازىم.

  جۇ شېڭلىڭ قوراللىق ساقچى قىسىمىغا ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ۋە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ قوماندانلىقىغا قەتئىي بويسۇنىدىغانلىقى، كۈچنى ھەربىي مەشىق ۋە ئۇرۇش تەييارلىقىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيىتىنى سادىقلىق بىلەن تولۇق ئادا قىلىپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئۈمىدىنى قەتئىي ئاقلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  ئارقىدىن شى جىنپىڭ قوراللىق ساقچى قىسىمىدىكى شى دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئورۇنلارنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى ھەم كۆپچىلىك بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

  بايراق بېرىش مۇراسىمىدا ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شۈ چىلياڭ مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ قوراللىق ساقچى قىسىمىغا بايراق بېرىش بۇيرۇقىنى ئوقۇدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ يۇشيا بايراق بېرىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرىدىن ۋېي فېڭخې، لى زوچېڭ، مياۋ خۇا، جاڭ شېڭمىن مۇراسىمغا قاتناشتى. ھەرقايسى چوڭ ئورۇنلار، ھەربىي كومىتېت ئورگىنىدىكى تارماقلارنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى ۋە قىسىمدىكى كوماندىر – جەڭچىلەرنىڭ ۋەكىللىرى بايراق بېرىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.