ئۆز خەۋىرىمىز: ئۈرۈمچىدە بۇنىڭدىن كېيىن يېڭىدىن سېلىنغان ئولتۇراق رايونلار تاپشۇرۇلۇشتىن بۇرۇن، ئورگان ئىشلىرى شىركەتلىرى نەق مەيداندا لېفىت، ئوت ئۆچۈرۈش، سۇ بىلەن تەمىنلەش، كېرەكسىز سۇ بىر تەرەپ قىلىش، توك بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق ئولتۇراق رايون ئاممىۋى جامائەت ئەسلىھەسى قاتارلىقلارغا قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ ئۆتكۈزۈۋالىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئورگان ئىشلىرى بۆلۈمى تەكشۈرۈش كېلىشىمى ئىمزالايدىكەن. تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشتىن ئۆتمىگەن ئولتۇراق رايونلاردىكى ئۆيلەرنى تاپشۇرۇشقا بولمايدىكەن.
مۇخبىرنىڭ 8-يانۋار ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۇرالغۇ ئۆي كاپالىتى ۋە ئۆي-مۈلۈك باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئورگان ئىشلىرى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، 2018-يىلدىن باشلاپ، ئۈرۈمچىدە ئورگان ئىشلىرى تەكشۈرۈپ قوبۇل قىلىش تۈزۈمى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلىدىكەن. شۇنىڭدەك ئۆي-مۈلۈك ئېچىش سودىگىرى ئۆي تاپشۇرۇشتىن بۇرۇن، ئېچىش، قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇن ۋە ئورگان ئىشلىرى شىركىتى بىرلىكتە ئولتۇراق رايوننىڭ ئاممىۋى جامائەت ئەسلىھەسى قاتارلىقلارغا قارىتا ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش ئېلىپ بېرىپ، ئىككى تەرەپنىڭ مەسئۇلىيىتى، ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرىدىكەن.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۇرالغۇ ئۆي كاپالىتى ۋە ئۆي-مۈلۈك باشقۇرۇش ئىدارىسى ئورگان ئىشلىرى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ما چياڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئورگان ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش تۈزۈمى ئارقىلىق قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇننىڭ قالدۇق مەسىلىلىرىنى ئازايتىپ، ئۆي ئىگىلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقىنى قوغداشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.
2017-يىل يىل ئاخىرىدا، ئۈرۈمچىدىكى شاڭخەي سارىيى، ياشەنجۈن ئىككى ئولتۇراق رايوندا ئورگان ئىشلىرى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش تۈزۈمى سىناق يولغا قويۇلغان.