تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ شىمالىي ياۋروپا ۋە بالتىق دېڭىزى رايونىدىكى دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنت باشلىقلىرى بىلەن كوللېكتىپ كۆرۈشتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 – ئاينىڭ 10 – كۈنى تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 1 – ئاينىڭ 10 – كۈنى خەلق سارىيىدا شىمالىي ياۋروپا ۋە بالتىق دېڭىزى رايونىدىكى دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنت باشلىقلىرى بىلەن كوللېكتىپ كۆرۈشتى. فىنلاندىيە پارلامېنتىنىڭ باشلىقى لوخېلا، نورۋېگىيە پارلامېنتىنىڭ باشلىقى تومېسسون، ئىسلاندىيە پارلامېنتىنىڭ باشلىقى سىگفۇسسون، ئېستونىيە پارلامېنتىنىڭ باشلىقى نېستور، لاتۋىيە پارلامېنتىنىڭ باشلىقى مۇرنېسې، لىتۋا پارلامېنتىنىڭ باشلىقى پرانكېيتىس، شىۋېتسىيە پارلامېنتىنىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن باشلىقى فېننى قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم ھەرقايسى دۆلەت پارلامېنت باشلىقلىرىنىڭ جۇڭگوغا بىرلىكتە زىيارەتكە كېلىشى شىمالىي ياۋروپا ۋە بالتىق دېڭىزى رايونىدىكى دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگو بىلەن كوللېكتىپ يۇقىرى قاتلاملىق ئالاقىنى قانات يايدۇرۇشىدىكى يېڭى شەكىل بولۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشى ۋە ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئالاقە، ھەمكارلىقىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىش يېڭى دەۋرىگە كىرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ، مەن بۇنى ئالقىشلايمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىر جۇڭگونىڭ شىمالىي ياۋروپا ۋە بالتىق دېڭىزى رايونىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلاۋاتىدۇ، ئىككى تەرەپنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشى مۇقىم كۈچىيىۋاتىدۇ، ئەمەلىي ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولۇۋاتىدۇ، ئادىمىيەت ئالاقىسى كۈنسېرى چوڭقۇرلىشىۋاتىدۇ، ئەلرايى ئاساسى تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىۋاتىدۇ. جۇڭگونىڭ شىمالىي ياۋروپا ۋە بالتىق دېڭىزى رايونىدىكى دۆلەتلەر بىلەن ساغلام، مۇقىم، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇشى، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، تەڭ پايدا ئالىدىغان ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقى ۋە رايون ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن بولۇپلا قالماي، يەنە جۇڭگو – ياۋروپا ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئالغا سىلجىتىشقا پايدىلىق، شۇنداقلا تىنچلىق، تەرەققىيات، ھەمكارلىق، تەڭ پايدا ئېلىشتىن ئىبارەت دەۋر ئېقىمىغىمۇ ئۇيغۇن. ئىككى تەرەپ باشتىن – ئاخىر ئۆزئارا ھۆرمەتلەش، باراۋەر مۇئامىلە قىلىش، سىغدۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش پىرىنسىپى بويىچە بىر – بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى ۋە مۇھىم ئورۇنلۇق تەلىپىگە ھۆرمەت قىلىپ، ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىك ۋە كەلگۈسى نۇقتىدىن چىقىش قىلىپ، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنىڭ توغرا تەرەققىيات يۆنىلىشىنى پۇختا ئىگىلىشى كېرەك. يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ باردى – كەلدى قىلىش ۋەزىيىتىنى داۋاملىق ساقلاپ، ئالاقىنى كۈچەيتىپ، چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ، پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىپ، ئورتاق تونۇشنى كېڭەيتىشى كېرەك. ھەر كىم ئۆزىنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىگە ماسلاشتۇرۇپ، ئەمەلىي ھەمكارلىشىش ساھەلىرى ۋە يوللىرىنى كېڭەيتىشى، بولۇپمۇ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسى رامكىسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئاسىيا – ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقى ئالاقىسىنىڭ راۋانلىشىشى ئېلىپ كەلگەن تەرەققىياتنىڭ پايدىسىدىن ئورتاق بەھرىلىنىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئەھۋالى ۋە تىنچلىق دىپلوماتىيەسى سىياسىتىنى تونۇشتۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: ج ك پ 19 – قۇرۇلتىيىدا جۇڭگو يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدە بولۇشقا تېگىشلىك مەزمۇن، يېڭى دەۋر جۇڭگو دىپلوماتىيەسى ئىنتىلىدىغان نىشان، شۇنداقلا دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر ئورتاق تىرىشىدىغان يۆنىلىش. جۇڭگو مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەتلىك رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، يەر شارىنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ئىسلاھاتى ۋە قۇرۇلۇشىغا پائال ئىشتىراك قىلىپ، يەر شارىنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن جۇڭگونىڭ ئەقىل – پاراسىتى ۋە كۈچىنى ئۈزلۈكسىز تەقدىم قىلىدۇ.

  كۆرۈشۈشكە قاتناشقان ھەرقايسى دۆلەت پارلامېنت باشلىقلىرى ج ك پ 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى، ج ك پ 19 – قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان خەلقنى مەركەز قىلغان تۈرلۈك نىشانلارغا قايىللىقىنى بىلدۈرۈپ، جۇڭگونىڭ بۇ نىشانلارغا ئوڭۇشلۇق يېتىشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈردى. ئۇلار مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، نامراتلىقنى ئازايتىش – نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، مۇھىت ئاسراش قاتارلىق جەھەتلەردە تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. شىمالىي ياۋروپا ۋە بالتىق دېڭىزى رايونىدىكى دۆلەتلەر جۇڭگو بىلەن بولغان دوستلۇقنى قەدىرلەپ، جۇڭگو بىلەن بولغان دوستانە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى خالايدۇ.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، قوشۇمچە باش كاتىپ ۋاڭ چېن كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • بارلۇق تېغىنىڭ يازدىكى سۈرەتتەك گۈزەل مەنزىرىسى
  • سايرام كۆلىنىڭ قۇياش كۆتۈرۈلگەندىكى گۈزەل مەنزىرىسى
  • قوبۇقسار ناھىيەسىنىڭ يازدىكى مەنزىرىسى كىشى قەلبىنى رام قىلىدۇ
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى