پونكىتنىڭ بىر بۇرجىكىدىكى ماي ئامبىرى
يانۋاردا جەنۇبىي قۇتۇپ ياز پەسلىگە كىرىدۇ. يېقىنقى كۈنلەردە ئېلىمىزنىڭ جەنۇبىي قۇتۇپتىكى جۇڭشەن پونكىتى ئەتراپىدىكى يىغىلىپ قالغان قارلار ئېرىشقا باشلىدى. جۇڭشەن پونكىتىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى ئېگىزلىكتە تۇرۇپ ئەتراپتىكى مەنزىرىلەرنى كۆرگىلى بولىدۇ. بۇ يەردە ياز پەسلى نەچچە ئون كۈن داۋاملىشىدۇ. ئېلىمىزنىڭ 34 -قېتىملىق جەنۇبىي قۇتۇپتا ئىلمىي تەكشۈرۈش ئەترىتىنىڭ قىشنى ئۆتكۈزۈش ئەترىتىدىكى 19 كىشى بۇ يەردە 400 كۈندىن ئارتۇق تۇرۇپ، جەنۇبىي قۇتۇپنىڭ كېلەر قېتىملىق ياز پەسلىنى ۋە «قار ئەجدىھاسى» پاراخوتىنىڭ قايتا كېلىشىنى كۈتۈۋالىدۇ.