تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى سەنشى كوماندىسىنى يەڭدى

  ئۆز خەۋىرىمىز: 10-يانۋار ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو ئاياللار ۋاسكېتبول كەسپىي بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ 23-ئايلانما مۇسابىقىسىدە، شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا 88 گە قارشى 96 نومۇرلۇق نەتىجە بىلەن سەنشى ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىنى يەڭدى. 22-ئايلانما مۇسابىقىدىن كېيىن شىنجاڭ ئاياللار كوماندىسىنىڭ رەت تەرتىپى ئىككىنچى، سەنشى كوماندىسى ئۈچىنچى بولۇپ، بۇ بىر مەيدان مۇسابىقىنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى نەتىجىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ھالقىلىق مۇسابىقە ئىدى. 23-ئايلانما مۇسابىقىدىن كېيىن شىنجاڭ ئاياللار كوماندىسى بۇ قېتىملىق مۇسابىقىنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى ئىككى مەيدان مۇسابىقىسىنى كۈتۈۋالىدۇ. يەنى 13-يانۋار ۋە 15 يانۋار ئايرىم ئايرىم ھالدا شاڭخەي كوماندىسى ۋە بېيجىڭ كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى