9-يانۋار، يېڭى بەيشاتو چاڭجياڭ پەۋقۇلئاددە چوڭ كۆۋرۈكى (ئوڭ تەرەپتىكى) بىلەن 20-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرى ياسالغان بەيشاتو كۆۋرۈكى (سول تەرەپتىكى).
شىنخۇا تورى خەۋىرى: بەش يىللىق جاپالىق قۇرۇلۇشتىن كېيىن، چۇڭچىڭ شەھىرى جياڭجىڭ رايونىغا جايلاشقان دۇنيا بويىچە تۇنجى قوش قەۋەتلىك، ئالتە لىنىيەلىك پولات لىملىق قىيپاش ئاسما تۆمۈريول كۆۋرۈكى ___ يېڭى بەيشاتو چاڭجياڭ پەۋقۇلئاددە چوڭ كۆۋرۈكى يېقىندا پۈتكەن بولۇپ، بۇ كۆۋرۈك يېقىندا قاتناش باشلىنىدىغان چۇڭچىڭ-گۇيياڭ تۆمۈريولى بىلەن بىرلىكتە سىناق تەرىقىسىدە قاتناش باسقۇچىغا كىرىدۇ. يېڭى بەيشاتو پەۋقۇلئاددە چوڭ كۆۋرۈكى لىنىيەسىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 5.32 كىلومېتىر بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە ئاساسىي كۆۋرۈكنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 920 مېتىر كېلىدۇ، بۇ چۇڭچىڭ-گۇيياڭ تۆمۈريولىنىڭ چاڭجياڭ دەرياسىدىن ئۆتۈشتىكى مۇھىم يول ۋە ھالقىلىق كونترول خاراكتېرلىك قۇرۇلۇش ھېسابلىنىدۇ. بۇ كۆۋرۈكنىڭ ئۈستۈنكى قەۋىتى تۆت يولۇچىلار پويىز لىنىيەسى بولۇپ، بۇنىڭ سائەتلىك سۈرئىتى 200 كىلومېتىر قىلىپ لايىھەلەنگەن؛ ئاستىنقى قەۋىتى ئىككى يۈك پويىز لىنىيەسى بولۇپ، بۇنىڭ سائەتلىك سۈرئىتى 120 كىلومېتىر قىلىپ لايىھەلەنگەن. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، چۇڭچىڭ-گۇيياڭ تۆمۈريولىدا قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، بۇ كۆۋرۈكتىن پويىز ئۆتۈپ بولۇشقا ئەڭ تېز بولغاندا 16.56 دەقىقە كېتىدىكەن.