ئۆز خەۋىرىمىز: مۇخبىرنىڭ 8-يانۋار تۇرپان ئايرودۇرۇمىدىن ئىگىلىشىچە، تۇرپان ئايرودۇرۇمىدىن تۇرپان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول بېكىتى ئارا ھەقسىز توشۇش ئاپتوموبىلى مەخسۇس لىنىيەسىدە شۇ كۈنى رەسمىي قاتناش باشلانغان.
2017-يىلدىن باشلاپ، تۇرپان يارغول ئايرودۇرۇمىنىڭ يولۇچى توشۇش مىقدارى تېز سۈرئەتتە ئاشتى. ئىستاتىسكىغا ئاساسلانغاندا، پۈتۈن يىل يولۇچى توشۇش مىقدارى 140 مىڭ ئادەم (قېتىم)گە يەتكەن. يولۇچى توشۇش مىقدارىنىڭ كۈنسايىن ئېشىشىغا ئەگىشىپ، يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا قولايلىق يارىتىلىپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول بېكىتىدىن ئايرودۇرۇم ئارا قاتناش ئالمىشىش ۋاقتى قىسقىرىغان. تۇرپان ئايرودۇرۇمى ئاۋىياتسىيە ۋە تۆمۈر يولدىكى پىيادىلەر يولىنى ئېچىش ئاساسىدا، ھەقسىز توشۇش ئاپتوموبىل يولىنى ئاچقان. قاتناش ئالمىشىدىغان يولۇچىلار ئايرودۇرۇم توشۇش ئاپتوموبىلى بەلگە تاختىسى بار ئورۇندا توشۇش ئاپتوموبىلىغا ئولتۇرسا بولىدىكەن. كونكرېت يولغا چىقىش ۋاقتى تۆۋەندىكىچە: