تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنتۇماي، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمەن

  تارباغاتاي ۋىلايەتلىك تاشقى ئىشلار، چياۋمىنلار ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىر دەرىجىلىك بۆلۈم ئەزاسى ساقىم مۇرتەي

  ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، بولۇپمۇ پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى بېكىتتى. بىز پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى روھىنى يېتەكچى قىلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، ئۆزىمىز ئۈلگە بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىمىزگە ئېلىپ، دىققىتىمىزنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، باش نىشاننى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن ئەقىل- پاراسىتىمىز ۋە كۈچ- قۇدرىتىمىزنى قوشۇشىمىز كېرەك.

  كىچىك چاغلىرىمدا ئۆيىمىزدە ئېلېكتىر سايمانلىرىدىن رادىيولا بار ئىدى، ئات بىلەن تۆگە قاتناش قورالىمىز ئىدى، كەنت بويىچە بىرلا تىراكتور بار ئىدى، تېزەك قالاپ ئىسسىناتتۇق، كىرسىن چىراغ ياقاتتۇق، قارنى ئېرىتىپ ئىچەتتۇق. مەكتەپ بىلەن ئۆيىمىزنىڭ ئارىلىقى ئون كىلومېتىردىن ئاشىدىغان بولۇپ، پىيادە ئىككى سائەتتىن ئارتۇق يول يۈرۈپ ئاران يېتىپ باراتتىم، ئۈچ ۋاق دېگۈدەك نان بىلەن چاي ئىچەتتۇق، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىمىز تولىمۇ جاپالىق ئىدى. ھازىر يېزىلاردا ئۆي- ئۆيلەرگە سۇ، توك، تور يەتكۈزۈلدى؛ مەكتەپ، شىپاخانا، پائالىيەت مەركىزى قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەر تولۇق قۇرۇلدى؛ ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، ئاپتوموبىل، يان تېلېفون، كومپيۇتېر قاتارلىقلار دائىملىق بۇيۇملارغا ئايلاندى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا: «تەرەققىيات جەريانىدا خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشتا چىڭ تۇرۇش»، «يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش»، «خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى چوقۇم باشتىن- ئاخىر ئەڭ يۈكسەك ئورۇنغا قويۇش» كېرەك دەپ ئوتتۇرىغا قويدى، بۇنىڭدا ئەلنىڭ تەقەززاسى ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلىغانلىقىدەك يۈكسەك ئاڭلىقلىقى ھەم مەسئۇلىيەتچانلىقى تولۇق نامايان قىلىندى.

  ھازىر بىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش نىشانىغا تارىختىكى ھەر قانداق ۋاقىتتىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ يېقىنلاشتۇق، بۇ نىشانغا يېتىش ئىشەنچىمىز ۋە ئىقتىدارىمىز تارىختىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ ئاشتى. ئەمما «ئۈچ خىل كۈچ» ۋەتەننى پارچىلاشتەك رەزىل مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، دىنىي ئەقىدىلەرنى ھەدەپ بۇرمىلاپ، بىدئەت تەلىماتنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنى تەرغىب قىلىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلدى. بىز «ئۈچ خىل كۈچ»كە زەربە بېرىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشنى ئۆزىمىزنىڭ مۇقەددەس بۇرچى قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، ھاياتىمىزنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ پولات سېپىلىنى قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.

  مەن پارتىيەلىك ئاز سانلىق مىللەت كادىر، ئۆسۈپ يېتىلىشىمدىكى ھەربىر قەدىمىم، ھەربىر باسقۇچۇم پارتىيەنىڭ تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈشىدىن، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنىڭ شانلىق نۇرىدىن ئايرىلالمايدۇ. مەن باشتىن- ئاخىر يۈكسەك ھوشيارلىقنى ساقلاپ، كاللامنى سەگەك تۇتۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى باشلامچىلىق بىلەن كۈرەش قىلىمەن، ئۆز ئەۋزەللىكىمنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، ئاساسىي مېلودىيەنى ياڭرىتىپ، ئاكتىپ كۈچ تارقىتىمەن، ئاممىنى دىنىي ئەسەبىي ئىدىيە ۋە مىللىي بۆلگۈنچىلىكنىڭ ماھىيىتى ۋە زىيىنىنى ئېنىق تونۇشقا يېتەكلەيمەن، تىرىشىپ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ مۇھاپىزەتچىسى بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىناق، مۇقىم ۋەزىيىتىنى قوغدايمەن. سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ، ئىرادەمدىن سېپىل ياساپ، سىڭدۈرمىچىلىككە قارشى تۇرىمەن، بۆلگۈنچىلىك ۋە دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ پەيدا بولۇش تۇپرىقىنى تەلتۆكۈس يوقىتىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ رەزىل سۇيىقەستىنى قەتئىي بىتچىت قىلىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى