تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

بوربوسۇن كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى كەنتنىڭ قىياپىتىنى ياخشىلاشقا كۈچ چىقاردى

    ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نەبىجان ئەخمەت خەۋىرى: ئاممىنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىنىڭ ياخشى بولۇش-بولماسلىقى كەنت كادىرلىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا باغلىق. بۇ ئىلى ئوبلاستلىق سىياسىي- قانۇن كومىتېتىدىن نىلقا ناھىيەسىنىڭ سۇپتاي يېزىسى بوربوسۇن كەنتىگە چۈشكەن «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ۋەدىسى. ئۇلار بۇلتۇر كەنتتە تۇرغان بىر يىلدا كەنتنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى مۇھىم ۋەزىپە سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇپ، خىزمەتلەرنى ئەمەلىي ئىشلەپ، كەنتتىكى نامرات ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز  ئۆستۈردى.      

    بوربوسۇن كەنتىنىڭ سۇپتاي يېزى بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 36 كىلومېتىر بولۇپ، بۇ كەنت دېھقانچىلىق بىلەن چارۋىچىلىق بىرلەشتۈرۈلگەن چارۋىچىلىق كەنتى ھېساپلىنىدۇ. ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان بۇ كەنتنىڭ قاتنىشى قولايسىز، سۈيى كەمچىل، ئوتلاقلار چېكىنگەن، ئىقتىسادىي تەرەققىيات سۈرئىتى ئاستا بولغاچقا كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىدا ئانچە چوڭ ئۆزگىرىش بولمىغانىدى . بۈگۈنكى كۈندە، بۇ كەنتنىڭ قىياپىتىدە زور ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى.

    خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە، بوربوسۇن كەنتىدە زور ئۆزگىرىشلەر بولدى، بۈگۈنكى كۈندە، كەنتتە يېڭىدىن نەسىللىك چارۋا باقمىچىلىق رايونى قۇرۇلدى، سەككىز كىلومېتىر دائىرىگە سۇ تۇرۇبىسى ياتقۇزۇلۇپ، 123 ئائىلىنىڭ ئىچىدىغان سۈيى ياخشىلاندى، 24 يۈرۈش كادىرلار ياتاق ئۆيى سېلىنىپ، سىرتتىن كەنتكە كېلىپ ئىشلەيدىغان كادىر، ئوقۇتقۇچى ۋە تېببىي خادىملارنىڭ تۇرالغۇ مەسىلىسى ھەل قىلىندى. 110 نامرات ئائىلىگە  2 مىليون 580 مىڭ يۈەن ئۆسۈمسىز قەرز پۇل ھەل قىلىپ  بېرىلدى. خىزمەت ئەترىتى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، كەنتتىكى  20 نەچچە دېھقاننى باشقا ناھىيەلەرگە ئۆگىنىش، تەجرىبە ئالماشتۇرۇشقا ئەۋەتىپ، ئۇلارنىڭ سىرتقا چىقىپ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىشىگە ياردەم بەردى. ئۇنىڭدىن باشقا 12 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى كەنت يولىغا ماي ياتقۇزۇلدى؛ كەنت شىپاخانىسىغا داۋالاش خادىمىدىن ئىككىسى سەپلەپ بېرىلدى؛ ئىلگىرى كەنتتىكى ئوقۇتۇش نۇقتىسىدا پەقەت 1-يىللىقتىن 4-يىللىققىچە بولغان سىنىپ تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئۆرلەپ ئوقۇيدىغانلار باشقا جايغا بېرىپ ئوقۇشقا توغرا كېلەتتى . خىزمەت ئەترىتى ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسى بىلەن  ئالاقىلىشىپ، 5 ـ يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۆز كەنتىدىكى ئوقۇتۇش نۇقتىسىدا ئوقۇشىنى ئىشقا ئاشۇردى ھەمدە ئۇلارنى  40 توننا كۆمۈر بىلەن تەمىنلەپ، مەكتەپنىڭ قىش پەسلىدىكى ئىسسىنىش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى؛ بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتى بىلەن ئالاقىلىشىپ، 900 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغنى قولغا كەلتۈرۈپ، كەنتنىڭ ئوپتىك تالالىق تور بىلەن قاپلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كەنتتە ئىنتېرنېت تورى يوق بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى. ناھىيەلىك رادىيو-تېلىۋىزىيە تارماقلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، كەنتكە 12رادىيو كانىيى ئورنىتىپ، پارتىيەنىڭ ئاۋازى ۋە بېيىش ئۇچۇرىدىن ئاممىنى ۋاقتىدا خەۋەردار قىلدى.

    كەنت ئاھالىسى يىلىسقاننىڭ تۆت قىزى مەكتەپتە ئوقۇيدىغان بولۇپ، تۇرمۇشتا قىينالغانىدى . بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقان خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى  شياۋ جىلىن ئۇلارغا 30 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق ياردەم بەردى . يىلىسقان ياردۆلەت مۇنداق دېدى: قوشماقلاشقان تۇغقىنىم، خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى شياۋ جىلىنغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن، ئۇ 20 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق خىراجەت ھەل قىلىپ، ئۆيۈمنى رېمونت قىلىپ بەردى، پەرزەنتلىرىمنىڭ ئوقۇش خىراجىتىگە 6000 يۈەن ياردەم قىلدى، كۈنلىرىمىز بارغانسىرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ .

    ئىلى ئوبلاستلىق پارتكوم سىياسى قانۇن كومىتېتى، ئوبلاستلىق ئەدلىيە ئىدارىسى، ناھىيەلىك سىياسىي قانۇن كومىتېتى قاتارلىق ئورۇنلار يەنە 500 مىڭ يۈەن مەبلەغ چىقىرىپ كەنتتە تۆگە باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپېراتىپى قۇرۇپ، نامرات ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى. بۇ يىل  يەنە ھويلا -ئاران ئىگىلىكى يېزا-ئىگىلىك قوشۇمچە كەسىپ مەھسۇلاتلىرى، ئەمگەك ۋاسىتىچىلىكى ۋە سۈت كالىسى باقمىچىلىقىدىن ئىبارەت ئۈچ ھەمكارلىق كوپېراتىپى قۇرۇلۇپ ، 164 نامرات ئائىلىلىك ھەمكارلىق كوپېراتىپىغا ئەزا بولدى.

    ئىلى ئوبلاستلىق سىياسىي قانۇن كومىتېتىدىن سۇپتاي يېزىسى بوربوسۇن كەنتىگە چۈشكەن چۈشكەن «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى شياۋ جىلىن مۇنداق دېدى:   نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنىڭ مۇھىم ھالقسى ئاممىنىڭ ئىدىيەسىنى ئازاد قىلىشتۇر. بىز بوربۇسۇن كەنتىدىكىلەرنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ بېيىشقا يېتەكلەش يولىدا كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ،  ئاممىنىڭ ئىدىيەسىنى ئۆزگەرتىشكە كۈچىدۇق، ھەمدە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە بىرنىمۇ قالدۇرۇپ قويماسلىققا كاپالەتلىك قىلىپ، ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ  غەلبىسنى قولغا كەلتۈرۈشكە بولغان ئشەنچىسىنى ئاشۇردۇق .

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى