ئۆز خەۋىرىمىز: مۇخبىرنىڭ 5-يانۋار شىخو شەھەرلىك 2- ئوتتۇرا مەكتەپتىن ئىگىلىشىچە، شۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئابدۇقېيۇم شىرخان يېقىندا جۇڭگو پۇتبول ئىنىستىتۇتىنىڭ سىناق ئىمتىھانىدىن ئۆتكەن بولۇپ، ئۇ يېقىندا جۇڭگو پۇتبول ئىنىستىتۇتىنىڭ چىنخۇاڭداۋ مەكتەپ رايونىغا بېرىپ سېستىمىلىق تەربىيلىنىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، جۇڭگو پۇتبول ئىنىستىتۇتى يۇقىرى سەۋىيەلىك تەنھەرىكەتچىلەرنى، تېرىنىرلارنى ۋە رېپىرلارنى مەخسۇس پۇتبول تۈرىدە نۇقتىلىق تەربىيەلەيدىغان دۆلەت دەرىجىلىك ئىنىستىتۇت بولۇپ، قەرەللىك ھالدا پۈتكۈل مەملىكەت بويىچە پۇتبول تۈرىدە ئالاھىدە تالانتى بار ۋە يوشۇرۇن ئىقتىدارى بار تالانت ئىگىلىرىنى تاللاپ چىقىدىكەن.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىخو شەھىرى پۇتبول تەنھەرىكىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئالاھىدە ئېتىبار بەرگەن بولۇپ، 1998-يىلى قۇرۇلغان شىخو شەھەرلىك 2- ئوتتۇرا مەكتەپ تولۇقسىزلار پۇتبول كوماندىسى كۆپ قېتىم مۇسابىقىلەرگە قاتناشقان، 2017-يىلى چۆچەك رايونىدا ئۆتكۈزۈلگەن پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىدەك ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن.