تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭدىكى يۈك ئاپتوموبىل شوپۇرلىرىمۇ مودىغا ئەگىشىپ ماڭدى

  شىنخۇا تورى، ئۈرۈمچى، 9-دېكابىر تېلېگراممىسى: ھازىر يۈك ئاپتوموبىل شوپۇرلىرىمۇ يانفونىغا بىر خىل APP دېتالىنى چۈشۈرۈپ، سەپەر جەريانىدىكى تۈرلۈك چىقىملارنى تۆلىيەلەيدىغان بولدى.

  يۈك ئاپتوموبىل شوپۇرى جۇ ئۇستام ئۇزۇن يولدا قاتنىغىلى 10 يىل بولدى. دوستلىرىدىن بۇ خىل APP دېتالىنىڭ قۇلايلىقىنى ئاڭلاپ، يانفونىغا چۈشۈرگەندىن كېيىن، يولدا ماي قاچىلاش، رېمونت قىلىش، سۇغۇرتا سېتىۋېلىش ۋە چاق ئالماشتۇرۇشتا ھەك تۆلەش قاتارلىق چىقىملارنىڭ ھەممىسىنى ئاسانلا تۆلىيەلەيدىغان بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «دەۋرنىڭ تەرەققىياتى راستىنلا تېزكەن، بىز يۈك ئاپتوموبىل شوپۇرلىرىمۇ مودىغا يېتىشىپ، يانفون ئارقىلىق ھەق تۆلەپ يېنىمىزغا جىق نەق پۇل سالمايدىغان بولدۇق.

  جۇ ئۇستام يانفونىغا چۈشۈرگەن ھەممىباب ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئەشيا ئوبوروت سۇپىسى شىنجاڭدىكى تۇنجى يۈك ئاپتوموبىل شوپۇرلىرىغا مۇلازىمەت قىلىشنى ئاساس قىلغان سۇپا بولۇپ، نۆۋەتتە شىنجاڭدىكى 110 مىڭ يۈك ئاپتوموبىل شوپۇرى بۇ دېتالنى چۈشۈرۈپ ئىشلىتىشكە باشلىغان، ئۇنىڭدىن باشقا 2700 دىن ئارتۇق ئەشيا ئوبوروت شىركىتىمۇ بۇ سۇپىنى ئىشلىتىشكە باشلىغان. ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە بۇ سۇپا شىنجاڭنىڭ سىرتىدىمۇ ئىشلىتىلىشكە باشلىغان بولۇپ، خېشى كارىدورى ۋە G7 لىنىيەسىنى بويلىغان ماي قاچىلاش ۋە گاز قاچىلاش پونكىتلىرىدىمۇ بۇ مۇلازىمەت تۈرى ئېچىلغان، بۇنىڭ ئىش ئۈنۈمى تېز ھەم بىخەتەر بولغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى