تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   خانىم-قىزلار

ھامىلىدار بولۇشتىن ئىلگىرى قايسى تەييارلىقلارنى ئوبدان قىلىش كېرەك

  ئەر-خوتۇن پەرزەنتلىك بولۇشقا تەييارلانغاندىن باشلاپ ئالاقىدار بىلىملەرنى ئۆگىنىپ، ھامىلىدار بولۇش جەريانىنى بىلىۋېلىشى كېرەك. ھامىلىدارلىق ۋە پەرزەنتلىك بولۇشنىڭ نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى بىلىۋالسىلا جىددىيلىشىپ كەتمەيدۇ.

  1. ھامىلىدار بولۇشتىن ئىلگىرىكى سالامەتلىك تەكشۈرتۈش ئىنتايىن مۇھىم. ئادەتتە ھامىلىدار بولۇشتىن 3~6 ئاي ئىلگىرى تەكشۈرۈتسە ئەڭ ياخشى.

  2. ئوزۇقلىنىشقا دىققەت قىلىش، ناچار غىزالىنىش ئادىتىنى ئۆزگەرتىش، يېمەك-ئىچمەك قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش كېرەك.

  3. ھەر كۈنى مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىش، تۇرمۇشى قانۇنىيەتلىك بولۇش. ئۇيقۇغا كاپالەتلىك قىلىش، ياخشى جىسمانىي كۈچ ۋە ياخشى روھىي ھالەتنى ساقلاش كېرەك.

  4. ھامىلىدار بولۇشتىن ئىلگىرى بۇرۇن ۋە كۆزنى غىدىقلايدىغان غەيرىي پۇراق بار مۇھىتتا ئىمكانقەدەر ئاز تۇرۇش. بەزى كىشىلەر خىزمەت جەريانىدا زىيانلىق خىمىيەۋى ماددىلار بىلەن ئۇچرىشىدۇ، پۇرىقى كۈچلۈك نەرسىلەر ئادەم بەدىنىگە سۈمۈرۈلگەندىن كېيىن، كۆپىيىش ھۈجەيرىلىرى زەخىملىنىشى مۇمكىن، ھامىلىدار بولۇشتىن ئىلگىرى ئۇنداق نەرسىلەر بىلەن ئۇچرىشىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

  5. ناچار تۇرمۇش ئادىتىنى ئۆزگەرتىش. تاماكا چېكىش، تۈنەش، يېمەك-ئىچمەك تەرتىپسىز بولۇش، زىيادە چارچاش، تازىلىققا ئەھمىيەت بەرمەسلىك قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاجىزلىتىپ، ھامىلىدار ئايال ۋە ھامىلىنىڭ سالامەتلىكىگە بىۋاسىتە تەسىر يەتكۈزىدۇ.

  6.كېسەلنى داۋالاتماي تۇرۇپ ھامىلىدار بولۇشتىن ساقلىنىش. ھامىلىدار بولۇشتىن ئىلگىرى قالايمىقان دورا يېمەسلىك كېرەك. سوزۇلما كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ داۋالىنىۋاتقان مەزگىلىدە پەرزەنتلىك بولماقچى بولسا، چوقۇم دوختۇرنىڭ مەسلىھەتىنى ئېلىش كېرەك. ئۆتكۈر كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغانلار، مەسىلەن، قىزىتمىسى چۈشمەسلىك، سىرتقى زەخىملىنىش، ھايۋاناتلار چىشلىۋېلىش قاتارلىق جىددىي ئەھۋالدا ھامىلىدار بولۇپ قالغانلار چوقۇم ۋاقتىدا داۋالىنىشى، دوختۇرنىڭ مەسلىھەتىنى ئاڭلىشى كېرەك، شۇنداقلا ھامىلىدار بولۇشتىن ئىلگىرى يۇقۇملۇق كېسىلى بار كىشىلەر بىلەن ئۇچراشماسلىقى كېرەك.

«گۈزەل ئايال، بەختلىك ئائىلە» تېمىسىدىكى بىر يۈرۈش كىتابدىن ئېلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى