«شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى» خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ 7-يانۋار جېجياڭ ئۆلكىلىك شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابىدىن ئىگىلىشىچە، جېجياڭ ئۆلكىسى دۆلەتنىڭ «10 مىڭ ئوقۇتقۇچىنىڭ مائارىپقا ياردەم بېرىش پىلانى»غا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، بۇ يىل نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان ئاقسۇ ۋىلايىتى ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 1-شىسىگە 475 ئوقۇتقۇچىنى ياردەمگە ئەۋەتىشنى پىلانلىغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە جېجياڭ ئۆلكىسى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئوقۇتقۇچىلار پىلانىنى يولغا قويۇپ، 38 پروفېسسور ۋە دوتسېنتنى ئاقسۇ ۋىلايىتىگە ئەۋەتىپ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى پەن-تېخنىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ ئاقسۇ مەكتەپ رايونىدىكى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن.
يېقىندا، مائارىپ مىنىستىرلىقى دۆلەت تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى بىلەن بىرلىشىپ «شىزاڭ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش 10 مىڭ ئوقۇتقۇچىنىڭ مائارىپقا ياردەم بېرىش پىلانىنى يولغا قويۇش لايىھەسى»نى تارقاتتى. بۇ لايىھەدە، 2018-يىل تۇنجى تۈركۈمدە شىزاڭ، شىنجاڭ، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىگە 4000 ئوقۇتقۇچىنى ئەۋەتىش ئوتتۇرىغا قويۇلغانىدى.
ئىگىلىنىشىچە، 2018-يىل جېجياڭ ئۆلكىسى شىنجاڭغا مائارىپ جەھەتتە ياردەم بېرىش سالمىقىنى داۋاملىق ئاشۇرۇپ، ئاقسۇ ۋىلايىتىدە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش بويىچە تەربىيەلەش تۈرىنى داۋاملىق يولغا قويىدىكەن.