تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئائىلە

بويتاق ئاياللار بويتاق ئەرلەرگە قارىغاندا خۇشال ياشايدىكەن

  ئەنگلىيە ئالىملىرىنىڭ يېقىنقى تەتقىقات نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بويتاق ئاياللار بويتاق ئەرلەردىن خۇشال ياشايدىكەن، بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب ئاياللار مۇھەببەت جەريانىدا ئەرلەردىن بەكرەك رىيازەت چېكىدىكەن، چۈنكى ئاياللار مۇھەببەتلەشكەندە ئەرلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە، بەدەل تۆلەشكە مەجبۇر بولىدىكەن.

  ئەنگلىيەلىك ئالىم ئەيمىلى مۇنداق دېگەن: ئىسپاتلاردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئاياللارنىڭ قىلىدىغان ئۆي ئىشى ئەرلەرنىڭكىدىن كۆپ، ئۆي ئىشى ئارقىلىقمۇ خۇشاللىق تاپالايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئاياللار نەرسە-كېرەك سېتىۋېلىش، تاشقى قىياپىتىنى گۈزەللەشتۈرۈش دېگەندەك ئىشلار ئارقىلىق نۇرغۇن خۇشاللىق ھەم زوق ئالالايدۇ. ئاياللار ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتكە ماھىر كېلىدۇ، بويتاق قالسا ئىجتىمائىي پائالىيەتكە قاتنىشىش پۇرسىتى تېخىمۇ كۆپىيىدۇ، ھالبۇكى، ئەرلەر بويتاق قالسا، بۇنداق پائالىيەتلەرگە ئاز قاتنىشىدىغان بولۇپ قالىدۇ.

«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»دىن ئېلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى