تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئائىلە ۋە نىكاھ

مىجەزى ئوخشاشمايدىغانلار توي قىلىپ قالسا قانداق كېلىشىشى كېرەك؟

  ئۇنىڭ تەسەۋۋۇرىدىكى ئاق ئاتلىق شاھزادە ئەسلىدە بىلىملىك، ئەدەپلىك بىر زىيالىي بولۇشى كېرەك ئىدى. ئەپسۇسلىنارلىقى، ئۇنىڭ ھازىرقى ئوغۇل دوستى تىپىك بىر تومپاي بولۇپ چىقتى. چىراي تۇرقى قاملاشمىغاننىڭ ئۈستىگە، مىجەزى چۇس، خاراكتېرى بەك تۈپتۈز ئىدى. ئاددىي بازار ئايلىنىشنى ئېلىپ ئېيتساق، ئاياللار ئادەتتە ئاستا مېڭىپ بازار ئايلىنىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئەمما ئۇچۇ؟ خۇددى ئىشقا كېچىكىپ قالىدىغاندەك، ئىت قوغلىغان ئابدالدەك 2-3 چامداپ بازارنى ئايلىنىپ بولاتتى. خوتۇنىنىڭ مىجەزى مۆتىدىلرەك ئىدى. ئىككىسىنىڭ مىجەزى بەك پەرقلىق بولغاچقا، ئۇ توي قىلغاندىن كېيىن چىقىشالارمىزمۇ، دەپ بەك ئەندىشە قىلاتتى. ئۇنىڭ بۇ ئويى توغرىمۇ؟

  دۇنيادا مىجەز-خاراكتېرى ئوپمۇ ئوخشاش ئىككى ئادەم بولمايدۇ. رېئال تۇرمۇشتا قەتئىي ئىرادىلىك ۋە قەيسەر يىگىتلەرنىڭ مىجەزى مۇلايىم، گۈزەل قىزلارنىڭ مۇھەببىتىگە نائىل بولغانلىقىنى ھەم تويدىن كېيىن ناھايىتى ئىناق-ئېجىل ئۆتكەنلىكىنى بايقايمىز. مىجەزى پەرقلىقلەرنىڭ تۇرمۇشى ئادەتتە بەختلىك بولىدۇ.

  پىسخولوگلار ۋە نىكاھشۇناسلارنىڭ قارىشىچە، مىجەزى ئوخشاپ كېتىدىغانلار پەقەت چىقىشالمايدىكەن. مىجەزى ئوخشىمايدىغان كىشىلەر ئاسان چىقىشالايدىكەن. مىجەزى ئوخشىمايدىغان، لېكىن بىر-بىرىنى تولۇقلىيالايدىغان كىشىلەر كۆڭۈلدىكىدەك چىقىشالايدىكەن. ئادەملەرنىڭ مىجەزى ئەسلىدىنلا پەرقلىق بولىدۇ. ئەر ۋە ئاياللاردا جىنسىيەت بەلگىلىگەن تۇغما مىجەز پەرقى بولىدۇ. ئەرلەرنىڭ مىجەزى ئومۇمەن قەتئىي ئىرادىلىك، كۆكسى-قارنى كەڭ بولۇش جەھەتلەردە ئىپادىلىنىدۇ. ئاياللارنىڭ بولسا نازۇك، مۇلايىم، ئاق كۆڭۈل، زېرەك ۋە پەزىلەتلىك بولۇش قاتارلىقلاردا ئىپادىلىنىدۇ. مىجەزى قارىماققا ئوخشىشىپ كېتىدىغاندەك كۆرۈنگەنلەرنىڭمۇ نۇرغۇن پەرقلىنىدىغان جايلىرى بولىدۇ. ھەربىر ئادەمدە خاسلىققا ئىگە بولغان خاراكتېر ئالاھىدىلىكى بولىدۇ. مىجەزى ئوپمۇ ئوخشاش ئىككى ئادەمنى تاپقىلى بولمايدۇ. ئوخشاشلا مىجەز-خاراكتېرى ئوپمۇ ئوخشاش ئەر-خوتۇنمۇ بولمايدۇ. شۇڭا، مۇھەببەتلىشىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان قىز-يىگىتلەر قارشى تەرەپنىڭ ئۆزى بىلەن ئوخشاش بولمىغان مىجەزىنى بايقىغاندا ئۇنى نىكاھنىڭ توسالغۇسى دەپ قارىماستىن، بەلكى ئىنتايىن نورمال ھادىسە قاتارىدا چۈشىنىشى كېرەك. ئەگەر قارشى تەرەپتە ئۆزى بىلەن ئوخشىمايدىغان، لېكىن تولۇقلىيالايدىغان مىجەز بولسا، ئۇنداقتا بۇ ئىنتايىن بەختلىك بىر نىكاھنىڭ قوشۇلمىسى بولۇشى مۇمكىن.

  

«بەختلىك ئائىلىنىڭ سىرى» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى