تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   خەلقئارا

بېنىزنىڭ 2017-يىللىق جۇڭگودىكى سېتىلىش مىقدارى 610 مىڭدىن ئاشتى

  شىنخۇا تورى خەۋىرى: «بېنىز»نىڭ تارقاتقان ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، «بېنىز» ۋە «سىمارت» ماركىسىدىكى ئاپتوموبىللارنىڭ پۈتۈن يەرشارى دائىرىسىدىكى سېتىلىش مىقدارى 2 مىليون 400 مىڭدىن ئاشقان، جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدا 610 مىڭ 965 يېڭى ئاپتوموبىل سېتىلغان، بۇ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %25 ئاشقان، بۇ «بېنىز» ماركىسىدىكى ئاپتوموبىلنىڭ يەر شارى بويىچە تۇنجى قېتىم بىر بازاردىكى سېتىلىش مىقدارىنىڭ 600 مىڭدىن ئېشىشى ھېسابلىنىدۇ.

  2017-يىلى، «بېنىز» نىڭ SUV تىپىدىكى ئاپتوموبىلىنىڭ سېتىلىش مىقدارى 805 مىڭدىن ئاشقان بولۇپ، بۇ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %14 ئاشقان. سېتىلىش مىقدارىدىكى بۇ بۆسۈشنى جۇڭگو، گېرمانىيە، فىرانسىيە، ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە قاتارلىق بازارنىڭ كۈچىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.

  2017-يىلى پۈتۈن يەرشارىدا 135 مىڭ خېرىدار «سىمارت» ماركىسىدىكى ئاپتوموبىلنى تاللىغان بولۇپ، جۇڭگو بازىرىدا «سىمارت» ئاپتوموبىللىرىدا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىلغاچقا، پۈتۈن يىللىق سېتىلىش مىقدارى 23 مىڭدىن ئاشقان.

  2018-يىلى «بېنىز» ماركىسى «كەلگۈسىگە نەزەر سېلىش» ئىستىراتېگىيەسىنى تۇرغۇزۇپ، سىستېمىلاشتۇرۇپ تەتقىق قىلىش ۋە ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرىدىكەن. جۇڭگو ئىشلەپچىقارغان تۇنجى EQ تارماق ماركىسىدىكى ساپ توكلۇق SUV ئاپتوموبىلى ___ EQC مۇشۇ يىل ئىچىدە بازارغا سېلىنىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا «دايىملېر» پاي شىركىتى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ باتارېيە ئىشلەپچىقىرىش تورىنى بەرپا قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ ئۈچ قىتئەدىكى بەش زاۋۇتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • لياۋنىڭ كوماندىسى CBA نىڭ ئومۇمىي ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە گۇاڭشا كوماندىسىنى يەڭدى
  • بۇ يىل تارىم دەرياسى ۋادىسىدىكى توغراقلىققا 1 مىليارد 200 مىليون كۇب مېتىر سۇ قويۇلىدۇ
  • شەرق شامىلى سېتروئىن ئاپتوموبىل شىركىتى C4 AIRCROSS تىپلىق ئاپتوموبىلنىڭ سۈرىتىنى ئېلان قىلدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى