تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

«سىز مېنىڭ ئۆز قىزىم»

  شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى: 2017-يىلى 15-دېكابىر سائەت 13:00 تە خوشۇت ناھىيەلىك لوڭجۈ باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئىشىك ئالدىغا يۈزدىن ئارتۇق ئاتا-ئانىلار يىغىلدى، كىشىلەر توپى ئارىسىدىكى گەي ئورتۇغاي مەكتەپ دەرۋازىسىدىن چىقىۋاتقان بالىلارغا سىنچىلاپ قارىدى، ئۇ ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىن تونۇش سىيمانى ئىزدەۋاتاتتى.

   گەي ئورتۇغاي ئەنسىزلىك بىلەن: «سەل تۇرۇپ قىزىم جى جې مەكتەپتىن چىقىدۇ، ئۇنى كۆرمەي قالماي يەنە» دەيتتى ئىچىدە.

  « ئاپا، ئاپا، مەن كەلدىم...» مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىدا گەي ئورتۇغاي قىزى جى جېنى چىڭ قۇچاقلىدى ھەمدە ئۇنىڭغا چۈشتە ئۇنىڭغا ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان لەڭمەن ئېتىپ قويغانلىقىنى، ھەم ئۇنىڭغا يېڭى بىر مامۇق چاپان ئېلىپ قويغانلىقىنى ئېيتتى.

  موڭغۇل ئاپا گەي ئورتۇغاينىڭ نېمىشقا خەنزۇ قىزى بولىدۇ؟ بۇ ھېكايىنى يەنە بۇ ئىككى ئائىلىنىڭ قوشماقلىشىپ تۇغقان بولغان چاغلىرىدىن باشلاپ سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ.

  ئاپتونوم رايونىمىز 2016-يىلى نويابىردىن باشلاپ كەڭ قانات يايدۇرغان «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىدە گەي ئورتۇغاي بىلەن جى جېنىڭ ئاپىسى تاڭ چاڭلى قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇشقانىدى. ئىككى ئائىلىنىڭ داۋاملىق باردى - كەلدى قىلىشى نەتىجىسىدە ئۇلارنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى تەدرىجىي چوڭقۇرلاشتى، بولۇپمۇ گەي ئورتۇغاي زېرەك، ئەقىللىق جى جېغا ئامراق بولۇپ قالدى.

  جى جېنىڭ دادىسى ئۇزۇن يىل سىرتتا ئىشلەيدىغان بولۇپ، تاڭ چاڭلى جى جېنىڭ ھالىدىن ئۆزى يالغۇز خەۋەر ئالاتتى، 2017-يىلى 8-دېكابىر قاپاقلىرى ساڭگىلىغان تاڭ چاڭلى گەي ئورتۇغاينى ئىزدەپ كېلىپ مۇنداق دېدى: ئۆينى بالىنىڭ دادىسى بېقىپ كەلگەنىدى، ئۇنىڭ بېسىمى بەك چوڭ بولۇپ كەتتى، مەن ئۇنىڭ بېسىمىنى يەڭگىللىتىپ، سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلاي دەۋاتىمەن، بىراق بالا ئۆزىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالارمۇ، دەپ ئىككىلىنىپ قېلىۋاتىمەن.

  تاڭ چاڭلى جى جېنى ئۇنىڭ مۇئەللىمىگە ياكى قوشنىلىرىغا تاپشۇرۇشنى ئويلىغانىدى. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان گەي ئورتۇغاينىڭ كۆڭلى يېرىم بولدى، ئەمدىلا توققۇز ياشقا كىرگەن ئوماق جى جېنى ئويىسىلا ئويلىسىلا، ئۇنىڭ كۆڭلى ئىنتايىن تىت-تىت بولاتتى. گەي ئورتۇغاي شۇ كۈنى كەچتە ئېرى بىلەن جى جېنى ئۆز ئۆيىگە ئەكىلىۋېلىش، بۇ ئارقىلىق ئۇنىڭغا ئىللىق ئائىلە مېھرى ئاتا قىلىش، يەنە تېخى ئۆزىنىڭ ئىككى ياشلىق قىزىغىمۇ ئاچا تېپىپ بېرىش ھەققىدە مەسلىھەتلەشتى.

  گەي ئورتۇغاي ئىككىنچى كۈنى سەھەردە جى جېنى ئالغىلى باردى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن گەي ئورتۇغاينىڭ ئائىلىسىدىكىلەر جى جېغا خۇددى بىر تۇغقان قېرىندىشىدەك مۇئامىلە قىلدى، چىرايلىق كىيىم-كېچەكلەرنى ئېلىپ بەردى، مەكتەپكە ئاپىرىپ، ئەكەلدى، ئۇنىڭ ئۆگىنىشىگە يېتەكچىلىك قىلدى. گەي ئورتۇغاي مۇھەببىتى ئارقىلىق جىجېنىڭ كۆڭلىنى ئىللىتتى.

  گەي ئورتۇغاي كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: جى جې قىزىم ناھايىتى ئىش ئۇقىدۇ، چارچىسام ماڭا يۇمۇر ئېيتىپ مېنى خۇشال قىلىدۇ، يەنە تېخى دۈمبەمنى ئۇۋىلاپ قويىدۇ، مەن ئۆزۈمنى بەك بەختلىك ھېس قىلىمەن.

  مېھىر-مۇھەببەت قەھرىتان سوغۇقنى ئىللىتتى، جى جې گەي ئورتۇغاي ئاپىسى ئېلىپ بەرگەن مامۇق چاپاننى كىيىپ خۇشاللىقىدىن سەكرەپ كەتتى. جى جې گەي ئورتۇغاينىڭ قولىنى چىڭ تۇتۇپ قويۇۋەتكىلى ئۇنىمىدى ھەمدە ئۇنىڭ يۈزىگە سۆيۈپ قويدى. گەي ئورتۇغاي خۇشال ھالدا جىجېگە مۇنداق دېدى: مەن سىزنىڭ ھالىڭىزدىن داۋاملىق خەۋەر ئالىمەن، سىز مېنىڭ ئۆز قىزىم!

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى