تەڭرىتاغ تورى   ›   دۇنياغا نەزەر   ›   دۆلەت ۋە مىللەت

كىرىستيانو رونالدونىڭ يېڭى ھەيكىلى مۇزېيغا قويۇلدى

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، يېقىندا ئىسپانىيە «خانلىق مادرىد» كوماندىسىنىڭ مۇزېيىغا سېربىيەلىك ھەيكەلتىراش ئانتونيو تاراشلىغان كىرىستيانو رونالدونىڭ يېڭى ھەيكىلى قويۇلدى، بۇ ھەيكەلگە مەستانىلەر يۇقىرى باھا بەردى.

    بۇ يىل مارتتا كىرىستيانو رونالدونىڭ يۇرتى پورتۇگالىيەدىكى مادىرا ئايروپورتى نامىنى «كىرىستيانو رونالدو ئايروپورتى»غا ئۆزگەرتكەن ھەم ئايروپورتقا ئۇنىڭ مىس ھەيكىلىنى قويغانىدى، ئەمما مىس ھەيكەل كۆرۈمسىز بولۇپ، رونالدوغا ئوخشىمىغان بولغاچقا، پۇتبول مەستانىلىرى بۇنىڭدىن نارازى بولغان. ئىگىلىنىشىچە، يېڭى ھەيكەلنى تاراشلىغان ئانتونىيونىڭ ئوغلى رونالدونىڭ مەستانىسى ئىكەن، ئۇ بۇ ئايروپورتتىكى مىس ھەيكەلنى كۆرگەندىن كېيىن، ئاتىسىدىن رونالدوغا ئوخشايدىغان ھەيكەل تاراشلاشنى ئۆتۈنگەنىكەن.

ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدىن ئېلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى