تەرخەمەكنىڭ سۇ تەركىبى %96 تىن %98 كىچە بولۇپ، تەركىبىدىكى ۋىتامىن E ۋە تەرخەمەك ئېنزىمى تېرە تەر تۈشۈكچىسىنى كىچىكلىتىپ، ماددا ئالمىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېرە قىل قان- تومۇرىنى كېڭەيتىدۇ، ھەر كۈنى يۈزگە تەرخەمەك چاپلاپ، سۇ تولۇقلاش گەرچە ياخشى بولسىمۇ، يەنىلا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك يەرلىرى بار.
يېڭىدىن كېسىۋېلىنغان تەرخەمەك يۈزىدە بىر خىل يېپىشقاق ماددا بولۇپ، تېرىنىڭ تەرخەمەكتىكى ئۈنۈملۈك تەركىبلەرنى قوبۇل قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ. ئەگەر يۈزنى يۇيۇپ بولۇپ، ھېچقانداق تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىنى سۈركىمەي يۈزگە بىۋاسىتە تەرخەمەك چاپلىغاندا، تېرە چىڭىپ، قۇرۇپ كېتىش ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇندىن باشقا، تەرخەمەكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان باشقا مېۋە - چېۋە، كۆكتاتلارنى يۈزگە بىۋاسىتە چاپلىساق تېرىگە سۇ تولۇقلايدۇ، ئەمما ئون مىنۇتتىن كېيىن تېرە «ئەسلىي ھالىتى»گە كېلىپ قالىدۇ، دېمەك سۇ يەنىلا تولۇق سۈمۈرۈلمىگەن ھېسابلىنىدۇ، ئۇزۇن مۇددەت چاپلىغاندا، تېرىنى قۇرغاقلاشتۇرۇپ، تېرە رەڭگىنى نۇرسىزلاندۇرۇپ قويىدۇ. تەرخەمەك بىلەن تېرە ئاسراشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى بولسا سۈيىنى سىقىپ چىقىرىپ، ھەسەل ياكى سۈت بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، يۈزگە چېپىشتۇر. تېرىگە سۇ تولۇقلاش ئۇسۇلى يەنىلا كۈندە سۇ ئىچىپ بېرىش بولۇپ، ھەر كۈنى سەھەر تۇرغاندىن كېيىن، چۈشتىن بۇرۇن سائەت ئوندا، چۈشتىن كيىن سائەت ئۈچتە، ئۇخلاشتىن بىر سائەت ئىلگىرى سۇ ئېچىپ، تېرىگە سۇ تولۇقلاپ بېرىش كېرەك، ھەر قېتىمدا 250 مىللىلىتىر سۇ ئىچىش كېرەك، لىمون پارچىسى قوشۇپ ئىچكەندە، تەركىبىدىكى ۋىتامىن C تېرىنىڭ ئېلاستىكلىقىنى ئاشۇرىدۇ.