(ماتېرىيال سۈرەت)
شەھەر ئىستېمالى شەھەر گېزىتى خەۋىرى: تونېل تاشيولىدا ئاپتوموبىللار يۈرۈش يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتسە بولمايدۇ، لېكىن بەزى شوپۇرلار تەلەي سىناش ئويىدا بولۇپ، تونېل ئىچىدە خالىغانچە يۈرۈش يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىدۇ. 8-يانۋار، ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى قاتناش ساقچى باش ئەترىتى ئالىي قاتناش تارماق ئەترىتى قوماندانلىق مەركىزى بىر قاتار قاتناش قائىدىسىگە خىلاپ سۈرەتلەرنى ئېلان قىلغان بولۇپ، سۈرەتكە تارتىلغان ئاپتوموبىللارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك تونېل ئىچىدە يۈرۈش يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىش جەريانىدا ئېلېكتىرونلۇق ساقچى تەرىپىدىن سۈرەتكە تارتىۋېلىنغان.
مۇخبىرنىڭ ئالىي تاشيول تارماق ئەترىتى قوماندانلىق مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتوموبىللار تونېلغا كىرگەندە، ئېلېكتىرونلۇق ساقچى سىستېمىسى ئاپتوموبىللارنىڭ يول يۈرۈش ھالىتىنى ئاپتوماتىك سۈرەتكە تارتىدىكەن. ناۋادا ئاپتوموبىل يۈرۈش يۆنىلىشىدە ئۆزگىرىش بولسا سىستېما تارتقان سۈرەت ئاپتوموبىللارنىڭ قاتناش قائىدىسىگە خىلاپ ھەرىكىتىگە ئىسپات بولالايدىكەن.
«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنى»نىڭ 38-ۋە 90-ماددىسىدا، موتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرى مەنئىي قىلىش بەلگە سىزىقىغا خىلاپ ھالدا يۈرۈش يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتسە ئۈچ نومۇر تارتىلىپ، 200 يۈەن جەرىمانە قويۇلىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن.