تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون بىلەن سۆھبەتلەشتى

   ئىككى دۆلەت رەھبىرى قويۇق ھەم سىجىل بولغان جۇڭگو–فىرانسىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ مۇقىم، ئۇزاق داۋاملىشىشىغا تۈرتكە بولۇشقا بىردەك قوشۇلدى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 – ئاينىڭ 9 – كۈنى تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 1 – ئاينىڭ 9 – كۈنى خەلق سارىيىدا فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى دۆلەت رەھبىرى دوستلۇق ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، قويۇق ھەم سىجىل بولغان جۇڭگو – فىرانسىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ مۇقىم، ئۇزاق داۋاملىشىشىغا تۈرتكە بولۇشقا بىردەك قوشۇلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: زۇڭتۇڭ ماكرون 2018 – يىلى ئېلىمىزگە زىيارەتكە كەلگەن تۇنجى چەت ئەل دۆلەت رەھبىرى، شۇنداقلا ج ك پ 19 – قۇرۇلتىيىدىن كېيىن جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەن تۇنجى ياۋروپا دۆلىتى رەھبىرى. جۇڭگو – فىرانسىيە مۇناسىۋىتى ئۆزگىچە تارىخقا ۋە مول مەزمۇنغا ئىگە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو – فىرانسىيە مۇناسىۋىتى داۋاملىق يۇقىرى سەۋىيەدە راۋاجلىنىپ، تېخىمۇ پىشىپ يېتىلىپ مۇقىملاشتى ۋە ھاياتىي كۈچكە تولدى. ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى يېڭى پەللىدە تۇرۇۋاتىدۇ. جۇڭگو فىرانسىيە بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا ئىشىنىش ۋە ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو – فىرانسىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى دەۋردە جۇڭگو – فىرانسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ تېز تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا ئىككى تەرەپ قويۇق، چوڭقۇر ئالاقە ۋە ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك. دۆلەت رەھبەرلىرى دىپلوماتىيەسىنىڭ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىدىكى سىياسىي يېتەكچىلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھۆكۈمەت، قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتى، پارتىيە، ئارمىيە قاتارلىق تارماق، قاتلاملىرىنىڭ ئالاقىنى كۈچەيتىشىنى قوللىشى ھەم ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى تۈرلۈك سۆزلىشىش مېخانىزمىنىڭ بىر تۇتاش پىلانلاش، ماسلاشتۇرۇش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. بىر – بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى ۋە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان چوڭ – چوڭ ئىشلىرىغا ھەقىقىي ئەھمىيەت بېرىپ، ئىختىلاپنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، جۇڭگو – فىرانسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ باشتىن – ئاخىر توغرا يولنى بويلاپ مۇقىم راۋاجلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئىككى تەرەپ يادرو ئېنېرگىيەسى، ئاۋىياتسىيە – ئالەم قاتنىشى قاتارلىق ئەنئەنىۋى ساھەلەردىكى ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى كۈچەپ چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك؛ يېڭى ھەمكارلىق ئېشىش نۇقتىلىرىنى ئۈزلۈكسىز يېتىلدۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى، يېمەكلىك، داۋالاش – ساقلىقنى ساقلاش، شەھەرلەرنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتى، يېشىل ياسىمىچىلىق، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق گۈللەنمە ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى تېز ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك؛ ‹‹جۇڭگو ياسىمىچىلىقى 2025››نى فىرانسىيەنىڭ ‹‹كەلگۈسى سانائەت››پىلانى بىلەن ئومۇميۈزلۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەمكارلىقتا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، رەقەملىك ئىقتىساد، سۈنئىي ئەقىل، ئىلغار ياسىمىچىلىق قاتارلىق ساھەلەردە ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلاشنى تېخىمۇ ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىشى كېرەك. ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسى تەمىنلىگەن يېڭى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› رامكىسى ئىچىدە ئەمەلىي ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، ئاسىيا – ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ گۈللىنىشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. تېخىمۇ كۆپ كۈچنى جۇڭگو – فىرانسىيە ھەمكارلىقىغا پائال قاتنىشىشقا يېتەكلەپ، يەرلىكنىڭ ھەمكارلىقىنى پۇختا ھەم چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. ئادىمىيەت ئالاقىسىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك ھەمكارلىق ۋە مېخانىزم قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش، بېيجىڭ 2022 – يىللىق قىشلىق ئو ت م ۋە پارىژ 2024 – يىللىق يازلىق ئو ت م پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ تەنتەربىيە ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ساياھەتچىلىك، ياشلار قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالاقە، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن فىرانسىيە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەت ۋە مۇھىم خەلقئارا تەسىر كۈچكە ئىگە چوڭ دۆلەت، ئىككى دۆلەت زىممىسىگە ئالغان ئالاھىدە مەسئۇلىيەتنى ئورتاق ياخشى ئادا قىلىپ، خەلقئارا ھەمكارلىقنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىشى كېرەك. ئىككى تەرەپ كۆپ تەرەپلىمىلىكتە ئورتاق چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى قوغداپ، ب د ت ۋە 20 دۆلەت گۇرۇھى قاتارلىق كۆپ تەرەپ رامكىسى ئىچىدە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا ھۆرمەتلەيدىغان، ئادىل، ھەققانىي بولغان، ھەمكارلىشىپ تەڭ پايدا ئالىدىغان يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەتنى قول تۇتۇشۇپ بەرپا قىلىشى كېرەك. ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىشتەك دۇنيانى ئىدارە قىلىش قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، دۇنيانى ئىدارە قىلىش ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىپ، ھەرقانداق شەكىلدىكى قورۇقچىلىققا قارشى تۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى، تېخىمۇ ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزىدىغان، باراۋەر، تەڭ پايدا ئالىدىغان بولۇش يۆنىلىشىگە قاراپ تەرەققىي قىلىشى كېرەك. تالاش – تارتىشلارنى سۆزلىشىش ئارقىلىق تىنچ ھەل قىلىپ، خەلقئارا ۋە رايون قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشقا پائال تۈرتكە بولۇپ، كىلىمات ئۆزگىرىشى، تېررورلۇق، تور بىخەتەرلىكى قاتارلىق دۇنياۋى خىرىسلارغا ھەمكارلىشىپ تاقابىل تۇرۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى قول تۇتۇشۇپ بەرپا قىلىشى كېرەك.

  ماكرون مۇنداق دېدى: 2018 – يىلىدىكى تۇنجى زىيارىتىمدە جۇڭگوغا كەلگەنلىكىمدىن ھەم ج ك پ 19 – قۇرۇلتىيىدىن كېيىن تۇنجى بولۇپ جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەن ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەت رەھبىرى بولغانلىقىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن، بۇ فىرانسىيە – جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ئىككىلا تەرەپكە نىسبەتەن مۇھىملىقىنى تولۇق نامايان قىلدى. فىرانسىيە – جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ئەھمىيىتى زور. فىرانسىيە بىلەن جۇڭگو ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، خەلقئارا كوللېكتىپ خەۋپسىزلىكتە مۇھىم مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالغان. ئىككى تەرەپنىڭ كۆپ تەرەپلىك ئىشلاردىكى قارىشى ئوخشاش بولۇپ، قويۇق ئالاقە ۋە ماسلىشىشنى ساقلاپ كېلىۋاتىدۇ، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش، دۇنياۋىلىشىشنىڭ مۇقىم تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق زور مەسىلىلەردە ياخشى ھەمكارلىقنى قانات يايدۇردى. فىرانسىيە ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› رامكىسى ئىچىدە ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىدۇ ھەم بۇنى ئىنتايىن مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ قارايدۇ. بۇ قېتىمقى زىيارەت ئارقىلىق ئىككى تەرەپنىڭ يۇقىرى قاتلام ۋە ھەرقايسى ساھەلەردە تېخىمۇ قويۇق ئالاقە ۋە سۆزلىشىش مېخانىزمى ئورنىتىپ، ئىقتىسادىي ئالاقە، ئاۋىياتسىيە – ئالەم قاتنىشى، يادرو ئېنېرگىيەسى قاتارلىق مۇھىم ساھەلەردە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، مائارىپ ۋە مەدەنىيەت ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، فىرانسىيە – جۇڭگو ھەمكارلىقىدا ئورتاق يېڭى سەھىپە يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ھازىر ياۋروپا ئىتتىپاقى يېڭى تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئېرىشتى، فىرانسىيە ياۋروپا – جۇڭگو ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىياتىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو ياۋروپانىڭ بىر گەۋدىلىشىشىنى قەتئىي قوللايدۇ، ياۋروپا بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ماسلاشتۇرۇشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ تىنچلىق، ئېشىش، ئىسلاھات، مەدەنىيەت قاتارلىق تۆت چوڭ ساھەدە ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى، تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو ياۋروپانىڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىشىنى ئالقىشلايدۇ.

  سۆھبەتتىن كېيىن ئىككى دۆلەت رەھبىرى بىرلىكتە جۇڭگو – فىرانسىيە كارخانىچىلار كومىتېتىنىڭ تۇنجى قېتىملىق يىغىنىغا قاتناشقان كارخانىچىلار ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى ھەم ئايرىم – ئايرىم تەبرىك سۆزى قىلدى. شى جىنپىڭ تەبرىك سۆزىدە مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو ئىقتىسادى يەنىلا دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى ئاساسلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ مەنبەسى ۋە مۇقىملاشتۇرغۇچ. جۇڭگو ئىجادىي، ماس، يېشىل، ئوچۇق، ھەمبەھرە تەرەققىيات ئىدىيەسىنى داۋاملىق ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئېچىۋېتىش تۈپ دۆلەت سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى قاتلاملىق ئوچۇق ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ. جۇڭگو فىرانسىيە ۋە ياۋروپا بىلەن بىللە، ئۆزئارا چۈشىنىش، ھەمكارلىشىپ تەڭ پايدا ئېلىش ئاساسىدا قوش يۆنىلىشلىك ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئېچىۋېتىشنى يۆنىلىش، ھەمكارلىقنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، ھەمبەھرلىنىشنى نىشان قىلغان دۇنيا ئىقتىسادىنى تۈزەش سىستېمىسىنى قول تۇتۇشۇپ مۇكەممەللەشتۈرۈشنى خالايدۇ.

  ئىككى دۆلەت رەھبىرى يەنە تەيشەن يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى ياۋروپا ئىلغار سۇ بېسىملىق رېئاكتورىنىڭ دۇنيادىكى تۇنجى رېئاكتور قۇرۇلۇشىغا نام بېرىش، يوپۇقىنى ئېچىش مۇراسىمىغا بىللە قاتناشتى، ئىككى دۆلەتنىڭ جۇڭگو – فىرانسىيە كارخانىچىلار كومىتېتى قۇرۇش چۈشىنىش ئەسلەتمىسى ئىمزالىشى ھەم دۆلەت باغچىسى تۈزۈلمىسى بەرپا قىلىش، يادرو ئېنېرگىيەسى، بوشلۇق تېخنىكىسى، ئىختىساسلىقلار ئالاقىسى، مۇھىت ئاسراش، پۇل مۇئامىلە، سەھىيە، ئاۋىياتسىيە، يېزا ئىگىلىكى، كۈتۈنۈش، مەدەنىيەت، مائارىپ، سودا قاتارلىق ساھەلەردىكى ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئىمزالىشىغا گۇۋاھ بولدى.

  ئىككى دۆلەت رەھبىرى ئىمزا قويۇش مۇراسىمىدىن كېيىن يەنە جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ سۆھبەتتىن ئىلگىرى خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي زالىدا ماكروننى قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. رەئىس شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت كومىسسارى ياڭ جيېچى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى چېن جۇ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى لىن ۋېنيى قاتارلىقلار مۇراسىمغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.