تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

بالىلارنىڭ ئىچى سۈرۈپ قالسا ئۇلارغا قايسى يېمەكلىكنى يېگۈزۈش كېرەك

  قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ ئىچى سۈرۈپ قالسا  ئېغىر كېسەل  ھېسابلانمايدۇ، بىراق كىچىك بالىلارنىڭ ئىچى سۈرۈپ قالسا ئېيتقۇسىز بىئارام بولۇشتىن سىرت يەنە ئاتا-ئانىلارنىڭ باش قېتىنچىلىقى بولۇپ قالىدۇ. كىچىك بالىلارنىڭ ئاشقازان -ئۈچەي ئىقتىدارى ئىنتايىن ئاجىز بولۇپ، بۇ مەزگىلدە ئاتا-ئانىلار يېمەك-ئىچمەككە ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك.

سەۋزە
ماتېرىيال : سەۋزە بىر باش 
تەييارلاش ئۇسۇلى: مۇۋاپىق مىقداردىكى يېڭى سەۋزىنى پاكىز يۇيۇپ، ئۇششاق توغراپ سۇدا ئېزىلگىچە پۇشۇرۇپ سۈزۈۋالىمىز، ئاندىن  قوشۇق بىلەن يانجىيمىز، ئۈستىگە ئاز مىقداردا پىشۇرۇلغان سەۋزە سۈيىنى قويىمىز،شېكەر قوشۇشقا بولمايدۇ، بولمىسا ئىچى سۈرۈشنى ئېغىرلاشتۇرېۋىتىدۇ. ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر 100 مىللىلىتىر سەۋزە سۈيىگە 10 ~ 5 گرام ئېزىۋالغان سەۋزىنى قويىمىز.
 ئۈنۈمى : بوۋاقلار ۋە ئۆسمۈر بالىلارنىڭ ئىچ سۈرۈشىنى ياخشىلايدۇ

گۈرۈچ ئۇمىچى

 ماتېرىيال: تېرىق، شېكەر

 تەييارلاش ئۇسۇلى: مۇۋاپىق مىقداردىكى تېرىقنى يانجىپ ئۇۋۇتىمىز، ئاندىن قازانغا سېلىپ سۇس ئوتتا ساغارغىچە قورۇيمىز. ئىستېمال قىلغاندا مۇۋاپىق مىقداردا سۇ، شېكەر قويۇپ ئۇماچ ھالەتكە كەلتۈرۈپ ،كۈنىگە 2-3قېتىم ئىچسە بولىدۇ.
  ئۈنۈمى:بەدەندىكى  زەھەرنى ھەيدەپ، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش رولى بار.

نېلۇپەر يەر ئاستى غولىنىڭ تالقىنى
ماتېرىيال: نېلۇپەر يەر ئاستى غولىنىڭ تالقىنى، قارا شېكەر
تەييارلاش ئۇسۇلى: مۇۋاپىق مىقداردىكى نېلۇپەر يەر ئاستى غولىنىڭ تالقىنىنى ئېلىپ ، سۇدا ئېرىتىپ، بىر پارچە نېلۇپەر يەر ئاستى غولىنىڭ تالقىنىغا بەش ئۈلۈش سۇ، ئازراق قارا شېكەر قوشۇپ،  سۇس ئوتتا قاينىتىپ ئۇماچ ھالەتكە كەلتۈرۈپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن كۈنىگە ئىككى - ئۈچ قېتىم ئىستىمال قىلسا بولىدۇ.
كاشتان ئۇمىچى
 ماتېرىيال: كاشتان 15 تال، گۈرۈچ 60 گرام
 تەييارلاش ئۇسۇلى: كاشتاننى ئاقلاپ، قايناقسۇغا باسىمىز، ئاندىن قۇرۇتۇپ، تالقان ھالەتكە كەلتۈرىۋالىمىز. گۈرۈچ، سۇ، كاشتان تالقىنىنى ئارلاشتۇرۇپ، سۇس ئوتتا بىر سائەت قاينىتىمىز.
 ئۈنۈمى : ھەزىم قىلىشقا ياردەم بېرىپ، قۇۋۋەت تولۇقلاپ، تالنى ساغلاملاشتۇرۇپ، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىدۇ.
 پىشقان ئالما
  ماتېرىيال : بىر دانە ئالما
 تەييارلاش ئۇسۇلى: ئالمىنى پارچە توغراپ، ئىلمان سۇدا 3 ~ 5 مىنۇت قاينىتىپ، سوۋۇغاندىن كېيىن ئىستېمال قىلسا بولىدۇ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن كۈنىگە 2 ~ 3 قېتىم، ھەر قېتىمدا 30 ~ 50 گرام ئىستىمال قىلىنسا بولىدۇ. (شېكەر قوشۇشقا بولمايدۇ، بولمىسا ئىچى سۈرۈشنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. )
  ئۈنۈمى : ئالما ئىشقارلىق يېمەكلىك بولۇپ، تەركىبىدىكى مېۋە يېلىمى بىلەن تاننىن كىسلاتاسى  ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش ئۈنۈمىگە ئىگە.

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى