ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قەھرىمان روزى خەۋىرى: ئاپتونوم رايونىمىزدا «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، باي ناھىيەسىدىكى ھەر مىللەت كادىر-خىزمەتچىلەر تۇغقانلىرىنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ، تاماقتا، يېتىپ-قوپۇشتا، ئەمگەكتە، ئۆگىنىشتە بىللە بولۇپ، تۇغقانلىرىغا ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلدى.
باي ناھىيەسىنىڭ باي بازىرى ئويبازار مەھەللىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى سەي جىجيا تۇغقىنى ئارزۇگۈل ئەمەتنىڭ ئائىلىسىگە كەلگەن بىرىنچى كۈنىلا ئاشخانا ئۆيدىكى تۇرۇبىدىن سۇ ئېقىپ قالغانلىقىنى بايقاپ، يېڭى جۈمەك ئورنىتىپ بەردى، يەنە ئائىلىدىكى توك سىم يوللىرى، توك چاتقۇلارنىڭ بىخەتەر ھەم قولاي ئەمەسلىكىنى كۆرۈپ، كونكېرت سەۋەبىنى تەپسىلىي سۈرۈشتۈرۈپ، ئۆز ۋاقتىدا توكچىلار بىلەن ئالاقىلىشىپ توك يولىنى ئوڭشاپ بەردى. ئۇ يەنە مەھەللە كادىرلىرى، خوجىلىق بۆلۈمدىكى رېمونتچىلار بىلەن بىللە ئويبازار مەھەللىسىدىكى باشقا ئاھالىلەرنىڭ ئۆيلىرىگە كىرىپ، 50گە يېقىن ئائىلىلىكنىڭ ئۆيىدىكى توك يولىنىڭ بىخەتەر ئەمەسلىكىنى بايقاپ، بۇ ئائىلىلىكلەرنىڭمۇ توك يولىنى ئوڭشاپ، ئاھالىلەرنىڭ بىخەتەر توك ئىشلىتىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى.
كادىرلار تۇغقانلىرىنىڭ بىخەتەر توك ئىشلىتىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى
مۇھەررىر:
نىجات نىياز
|
مەنبە:
تەڭرىتاغ تورى
2018/01/10 11:30
ئەسكەرتىش:
تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.