تەڭرىتاغ تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش

پارتىيە گېزىتىنىڭ توغرا جامائەت پىكرى يېتەكچىلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن

  شىنجاڭ گېزىتخانىسى 3- تەھرىر بۆلۈمى مۇخبىر- مۇھەررىرلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى جاپپاربېك ئابلاجى

  مەن كۈنەس ناھىيەسىدە بىر ئاددىي چارۋىچى ئائىلىسىدە تۇغۇلدۇم، كىچىكىمدىن تارتىپ ھەر مىللەت بالىلىرى بىلەن بىللە ياشاپ، بىللە ئۆگىنىپ، بىللە چوڭ بولدۇم. دادام پارتىيە ئەزاسى، ئۇ كىچىك ۋاقتىمدىن باشلاپ ماڭا پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، تېخىمۇ كۆپ بىلىم ۋە ماھارەت ئىگىلەپ، تىرىشىپ پارتىيەگە، دۆلەتكە ۋە جەمئىيەتكە ياراملىق ئادەم بولۇش توغرىسىدا تەربىيە بېرەتتى. مەن ئۆگىنىش، تۇرمۇش ۋە ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىمغا بىرلەشتۈرۈپ، بالىلىرىمغا پارتىيەنى سۆيۈش، دۆلەتنى سۆيۈش، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئاڭلىق قوغداش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قەتئىي قارشى تۇرۇش توغرىسىدا تەربىيە بېرىپ كەلدىم.

  پارتىيە گېزىتى خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، «تۆت ئاڭ»نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى مۇستەھكەملەپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي تەۋرەنمەي قوغدايمەن، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە باشلامچىلىق بىلەن جەڭ ئېلان قىلىمەن، باشتىن- ئاخىر مەيدانىمنى مۇستەھكەم، بايرىقىمنى روشەن قىلىمەن، تونۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تىلىم بىلەن دىلىمنى بىردەك قىلىمەن، پوزىتسىيەدە قەتئىي بولىمەن، قەدەمنى بىردەك ئېلىپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، دادىللىق بىلەن ھەممىنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى مۇستەھكەم ھالدا قەتئىي كۈرەش قىلىمەن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قەتئىي قوغدايمەن.

  ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە مۇستەھكەم ھالدا بىرىنچى سەپكە قەتئىي ئاتلىنىمەن. كاللامنى باشتىن- ئاخىر سەگەك تۇتۇپ، پارتىيە گېزىتىنىڭ جامائەت پىكرى بازىسىنى قەتئىي قوغداپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىك، سىڭدۈرمىچىلىككە قارشى كۈرەشتىكى باشلامچىلاردىن بولۇشقا تىرىشىمەن. ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ، «كۆزى ئۆتكۈر»لەردىن بولۇپ، مۈجمەل گەپ- سۆز، ساختا كۆز قاراش، كىشىنى قايمۇقتۇرىدىغان گەپ- سۆزلەرنى ئەستايىدىل پەرقلەندۈرۈپ، قەتئىي تۈزىتىمەن ۋە ئۇلارغا قەتئىي رەددىيە بېرىمەن. ماقالە تاللاش ئۆتكىلى، تەرجىمە ئۆتكىلى، تەكشۈرۈش ئۆتكىلى، ئوقۇپ تەكشۈرۈش ئۆتكىلىنى ئەستايىدىل ئىگىلەپ، سىياسىي تۆۋەن چەكنى باشتىن- ئاخىر چىڭ ساقلاپ، مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش، مەسئۇلىيەت ئالدىدا جاۋابكار بولۇش، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشنى ھەقىقىي ئورۇنداپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ مۇتلەق بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان ئىجتىمائىي جامائەت پىكرى مۇھىتى يارىتىمەن.

  ياخشى كۈنلىرىمىزنىڭ پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىدىن كەلگەنلىكىنى ئاممىغا ئېنىق چۈشەندۈرۈپ، پارتىيەنىڭ شەپقىتىنى كەڭ كۆلەمدە، مەردانىلىك بىلەن سۆزلەپ، ئاممىنى پارتىيەگە چىن كۆڭلىدىن مىننەتدار بولۇپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئاڭلاپ، بىر نىيەت- بىر مەقسەتتە پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلەيمەن. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى كەم- كوتسىز تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك دەرىجىدە بىردەكلىكنى ساقلاپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇخبىرلىق ۋە تەھرىرلىكنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا، ھەرقايسى ھالقىلىرىغا سىڭدۈرۈپ، سىياسىيونلار گېزىت چىقىرىش ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزىمەن.

  گېزىت چىقىرىش جەريانىدا كۈلپەت ئېڭى ۋە خەۋپ ئېڭىنى كۈچەيتىپ، يوشۇرۇن خەۋپنى يوقىتىش، خەۋپ- خەتەردىن ساقلىنىش ئىقتىدارىمنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىمەن. ئىشنى ئىستىل ئۆزگەرتىشتىن باشلاشقا ئەھمىيەت بېرىپ، بارلىق مۇخبىر، مۇھەررىر، تەرجىمانلارنىڭ سىياسىي ساپاسى، كەسپىي ئىقتىدارى ۋە قېلىپلاشتۇرۇش ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، «قانداق قىلغاندا گېزىت چىقىرىشتىكى خاتالىقلارنى تۈگەتكىلى بولىدۇ»، «قانداق قىلغاندا لاياقەتلىك پارتىيە گېزىتى خىزمەتچىسى بولغىلى بولىدۇ» دېگەندەك مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ داۋاملىق كۈچ چىقىرىپ، سىياسىي ئۆتكەلنى ئىگىلەش ئىقتىدارىم، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىمنى ئاشۇرىمەن. باشتىن- ئاخىر سىياسىينى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، مەسئۇلىيەتنى زىممەمگە ئېلىپ، سىياسىي جەھەتتىن تەربىيەلىنىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش، سىياسىي يۈكسەكلىكنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، خىزمەت تەرتىپىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، باشقۇرۇش، ئالدىنى ئېلىشنى كۈچەيتىش، خادىملارنى تەقسىملەشنى ئەلالاشتۇرۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق مەسىلە ھەل قىلىش ئىقتىدارىمنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىمەن. مۇخبىر، مۇھەررىر، تەرجىمانلارغا سىياسىيونلار گېزىت چىقىرىش ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش توغرىسىدا تەربىيە بېرىپ، ئاخبارات- تەشۋىقات ئىنتىزامىغا قاتتىق رىئايە قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئاڭلىقلىقىم ۋە تەشەببۇسكارلىقىمنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، پارتىيە گېزىتىنىڭ تارقىتىش كۈچى، يېتەكلەش كۈچى، تەسىر كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىشنى قۇدرەتلىك ئىدىيە كاپالىتى ۋە جامائەت پىكرى مەدىتى بىلەن تەمىنلەيمەن.

  كوممۇنىستىك غايە- ئېتىقادنى مۇستەھكەملەپ، سىياسىي يۆنىلىشنى مەھكەم ئىگىلەپ، سىياسىي مەيداندا چىڭ تۇرىمەن. ئىنتىزامنى شەرتسىز ئىجرا قىلىش، قائىدىگە رىئايە قىلىشتا مۈجمەللىك قىلماسلىق، تۆۋەن چەكنى مەھكەم ساقلاشنى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچىنى ئاڭلىق زىممەمگە ئېلىپ، كوممۇنىزملىق ئۇلۇغۋار غايە ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئورتاق غايىسىنى مۇستەھكەملەپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىنى كۈچەيتىپ، ئاڭلىق ھالدا سىياسىي جەھەتتە زېرەك، ئېتىقاد جەھەتتە سادىق، ھەرىكەت جەھەتتە سەمىمىي، خىزمەت جەھەتتە مەسئۇلىيەتچان، ئىستىل جەھەتتە ئەمەلىي، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، ئىنتىزام جەھەتتە تەلەپچان، پاك- دىيانەتلىك بولۇش جەھەتتە پاكىز ئادەم بولىمەن. كاللامنى باشتىن- ئاخىر سەگەك تۇتۇپ، «ئىككى يۈزلىمىچىلىك»كە، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى كۈرەشتە زەربىدارلىق بىلەن ئالدىدا مېڭىپ، ئاۋانگارتلاردىن بولىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئېسىمىزدە مەڭگۈ ساقلايلى» باش تېمىسىدىكى گۈزەل سەنئەت، ھۆسىنخەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى
  • گۈزەل سەيلىگاھ قۇمقاناس
  • ھەر مىللەت ئاھالە ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئاكتىپ ئېنېرگىيەسىنى مۇجەسسەملىدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى