تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

تەشەببۇسكار ھالدا مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ بىرىنچى سېپىگە ئاتلىنىمەن

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بەنگۇڭتىڭى پېشقەدەم كادىرلار خىزمىتى باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغۇچىسى دىلنۇر ئابلەت

  «ئۈچ خىل كۈچ» شىنجاڭنىڭ تارىخى ۋە تەرەققىياتىغا، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەختىيار تۇرمۇشىغا كۆز يۇمۇپ، «مىللەت»، «دىن»نى دەستەك قىلىپ، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىتتىپاق، مۇقىم، ئىناق تەرەققىيات چوڭ ياخشى ۋەزىيىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلدى. «ئۈچ خىل كۈچ»كە سەۋر قىلغانلىق ۋەتەن ۋە خەلق ئالدىدا جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكتۇر. ئۆزىمىزگە شۇنداق سوئال قويۇپ باقايلى: بىزنى بەختىيار تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرگەن كىم؟ بەختىيار تۇرمۇشىمىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقانلار كىم؟ تۇرمۇش، خىزمەت جەريانىدا بىز ھەر مىللەتنىڭ بۈگۈنكى بەختىيار تۇرمۇشىنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ يارىتىپ بەرگەنلىكى قەلبىمگە مەھكەم ئورنىغان.

  دادام ئاتۇشتا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە تەربىيەسىدە ئالىي مائارىپنى قوبۇل قىلىپ، پارتىيەلىك ئاز سانلىق مىللەت كادىر بولۇپ يېتىلگەن. نەچچە ئون يىللىق خىزمەت، تۇرمۇش جەريانىدا دادام پارتىيەنىڭ مەقسىتىنى ئېسىدە چىڭ ساقلىدى، پارتىيەگە سادىق بولۇش، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش دادامنىڭ پۈتۈن ھاياتىدىكى ئىنتىلىشى ۋە ماڭا قالدۇرغان قىممەتلىك بايلىقى ئىدى. مەن پارتىيەنىڭ تەربىيەسىدە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇپ، پارتىيەلىك كادىر بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلدىم. يېڭىسار ناھىيەسى سىتلى يېزىسىدا كەنتتە تۇرۇپ ئىشلەش مەزگىلىدە، يېزىلاردىكى غايەت زور تەرەققىيات، ئۆزگىرىشنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم، پارتىيەنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتى يېزىلارنى يېڭى قىياپەتكە كىرگۈزدى، دېھقانلارنى بەختىيار، خاتىرجەم تۇرمۇشقا ئېرىشتۈردى.

  دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى غايەت زور قۇدرەتلىك «تېزلەتكۈچ»، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش بىرىكمە مۇشتىنى ياخشى ئېتىشتىكى بىلەي، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى خىتابنامە. پارتىيەلىك ئاز سانلىق مىللەت كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بايرىقىم روشەن، مەيدانىم مۇستەھكەم ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىدىكى مەسئۇلىيىتىمنى زىممەمگە ئالىمەن. باشتىن- ئاخىر مۇستەھكەم سىياسىي مەيدانىمنى ساقلاپ، دىققىتىمنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، باش نىشاننى كۆزلەپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «پانئىسلامىزم»، «پانتۈركىزم» ئىدىيەسىگە قەتئىي رەددىيە بېرىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ ھەقىقىي ئەپت- بەشىرىسىنى ئاشكارىلايمەن، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ رەزىل قىياپىتىنى ئېچىپ تاشلايمەن. مۇقىملىقنى قوغداش خىزمەت مەسئۇلىيىتىمنى ھەقىقىي ياخشى ئادا قىلىپ، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىدە مۇناسىۋەتسىز رايون، مۇناسىۋەتسىز ئورۇن، مۇناسىۋەتسىز ئادەم بولماسلىق ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن باشتىن- ئاخىر يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلايمەن، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي قوغدايمەن. مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش قاتارلىق چوڭ ھەق- چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە باشتىن- ئاخىر مەيدانىمنى مۇستەھكەم قىلىپ، پوزىتسىيەدە قەتئىي بولۇپ، كادىرلار قوشۇنىدىكى «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى بايرىقىم روشەن ھالدا كۈرەش قىلىپ، دادىللىق بىلەن پاش قىلىپ، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە يوشۇرۇنىدىغان جاي قالدۇرمايمەن. پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنىڭ ياخشى تەشۋىقاتچىسى بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىغا پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىغا مەنپەئەتنىڭ نەدىن كەلگەنلىكىنى، مەنپەئەتنىڭ نەدە ئىكەنلىكىنى، كىمگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش كېرەكلىكىنى چۈشەندۈرۈپ، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ سىڭىپ كىرىشىگە ئاڭلىق تاقابىل تۇرۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن زوراۋانلىق، تېررورلۇققا زەربە بېرىش، ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ بىرىنچى سېپىگە ئاتلىنىمەن.

  ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىق ـــ بەخت، بۆلگۈنچىلىك، مالىمانچىلىق ــــ ئاپەت. دۆلەتنىڭ ئەڭ ئالىي مەنپەئىتى ۋە ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك چوڭ ھەق- چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق ھەر ۋاقىت كاللىمىزنى سەگەك تۇتۇپ، قەتئىي مۈجمەل بولماي، قەتئىي مۇرەسسە قىلماي، قەتئىي يول قويماي، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىپ، گۈزەل يۇرت- ماكانىمىزنى ياخشى قوغدىشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى