تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

شىنجاڭغا ياردەمگە كەلگەن كادىرلار قازاق قىزنى ئاۋازسىز دۇنيادىن خوشلاشتۇردى

 جۇڭگو تورى 8-يانۋار خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ 8-يانۋار لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ ئەنشەن شەھىرىدىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىرلاردىن ئىگىلىشىچە، گاس قىز مىنانىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان ئەنشەنلىك دادىسى بار بولغان.

  مىنانىڭ تولۇق ئىسمى مىنا خىزىر بولۇپ، 2010-يىلى مايدا ساۋەن ناھىيەسى بورتۈڭگى يېزىسىنىڭ ئارال تۆپە كەنتىدە تۇغۇلغان، ئۇ تۇغما گاس بولۇپ، مىنانى بوۋىسى بىلەن مومىسى بېقىپ چوڭ قىلغان. ئۇلارنىڭ ئۆيىدە مىنانىڭ بوۋىسى، مومىسى، مىنا ۋە پالەچ تاغىسى بار بولۇپ، بۇ بىر ئائىلىدىكى تۆت جان پەقەت 12 مو يەرنىڭ كىرىمى ئارقىلىق تۇرمۇشىنى قامداپ كەلگەنىدى.

  2015-يىلى، كىچىك مىنا بەش ياشقا كىرگەندە 2-تۈركۈمدىكى ئەنشەن ساۋەنگە ياردەم بېرىش خىزمەت ئەترىتى ئارال تۆپە كەنتىگە كەلدى. بۇ كادىرلار كىچىك مىنانىڭ ئەھۋالىنى ئىگەللىگەندىن كېيىن، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمەت ئەترىتى تەشەببۇسكارلىق بىلەن كىچىك مىناغا پۇل ئىئانە قىلىپ، ئۇنىڭ سۈنئىي قۇلاق قۇلۇلىسى ئوپېراتسىيەسىگە مەبلەغ توپلىدى. ئەنشەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ پائال ئىلگىرى سۈرۈش ئاساسىدا، دۆلەت گاس-گاچا مېيىپلارنى قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش فوندى 225 مىڭ يۈەننى قولغا كەلتۈردى. 2016-يىلى ئاۋغۇستا مىنا ئاخىر سۈنئىي قۇلاق قۇلۇلىسى ئوپېراتسىيەسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قوبۇل قىلىپ، ئاۋازسىز دۇنيانى ئاخىرلاشتۇردى. 

  2017-يىلى، ئەنشەندىن ساۋەنگە 3-تۈركۈمدىكى ياردەم بېرىش خىزمەت ئەترىتى شىنجاڭغا كەلدى. ئۇلار ئالدىنقى تۈركۈمدىكى شىنجاڭغا ياردەم بەرگەن سەپداشلىرىدىن ھەققانىيەت يولىدىن قايتماي، مېھىر-شەپقەت كۈچ ئۇلاش تايىقىنى قولىغا ئېلىپ، بۇرۇنقىدەكلا كىچىك مىنانىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كۆڭۈل بۆلدى. 2017-يىلى سېنتەبىر، ساۋەن ناھىيەلىك 2-باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇش باشلاش مەزگىلى بولۇپ، 1-يىللىق 5-سىنپنىڭ ئىچىدە باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان كۈلكە پەيدا بولدى، بۇ دەل كىچىك مىنا. كىچىك مىنانىڭ ئېيتىشىچە، فېڭ دادىسى ئۇنى بۇ يەرگە ئېلىپ كەلگەنىكەن. ئۇ ئېيتقان فېڭ دادا بولسا، يەنى ئەنشەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باش قوماندانى، ساۋەن ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى فېڭ يى ئىكەن.

  ئادەتتە بوش ۋاقتى بولسىلا، فېڭ دادا مەكتەپكە ئۇنى كۆرگىلى بېرىپ، ياكى ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە كىتاب ئوقۇپ، ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ ئوينايدىكەن. بىر شەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن، فېڭ دادا ۋاقىت چىقىرىپ كىچىك مىنانىڭ ئۆيىگە يوقلاپ كەلگەندە، مىنانىڭ مومىسى ئىشىكنى ئاچقاندا، كىچىك مىنانىڭ بىر ئېغىز سۆزى بۇ شەرقىي شىمالدىن كەلگەن ئەرنى كۆزىگە ئىسسىق ياش ئالدۇردى. فېڭ دادا كىچىك مىنانى قۇچاقلاپ كۆتۈرۈپ، مۇنداق دېدى : «مىنا، سىز بايا مېنى كۆرگەن چاغدا نېمە دېدىڭىز، قايتا ئېيتىپ بېرىڭە، مەن ئاڭلىيالمىدىم، سىز يەنە بىر قېتىم ئېيتىپ بىرەمسىز؟ »، « مەن، فېڭ - دادا ياخشىمۇ سىز !» دېدىم دېدى مىنا، شۇنىڭدىن كېيىن، كىچىك مىنانىڭ فېڭ داداسى بار بولدى، فېڭ دادىنىڭ كىچىك قىزى مىنا بار بولدى.

  كىچىك مىنانىڭ داۋاملىق ياردەمگە ئېرىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، 3-تۈركۈمدىكى 25 نەپەر ئەنشەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمەت ئەترىتىنىڭ بارلىق ئەزاسى كىچىك مىناغا مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈپ، مېھىر-شەپقەت فوندى ئارقىلىق ھەر ۋاقىت كىچىك مىنانىڭ ئۆگىنىش، تۇرمۇشىدىكى قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مىللەتلەر ئارا ئالاقىنى قولغا كەلتۈرۈش، ئالاقىلىشىش، ئارىلىشىش مەخسۇس مەبلىغىنى قولغا كەلتۈرۈپ چوڭ مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى. ئەستايىدىل تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، مىنانىڭ ياردەم مەبلىغىنى يېزىلىق مالىيە پونكىتى ھېساب تەسىس قىلىپ، مەخسۇس ئادەم باشقۇرۇپ، بۇ مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش مەبلىغىنى مۇۋاپىق پىلانلاپ ئىشلىتىشكە كاپالەتلىك قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە تېخىمۇ كۆپ ئادەمنىڭ ھەر ۋاقىت كىچىك مىنانىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلۈشىنى ئىلگىرى سۈردى.

  ئەنشەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمەت ئەترىتى ھەر تەرەپلىمىلىك كۆڭۈل بۆلۈش ئارقىلىق كىچىك مىنانىڭ تۇرمۇشىدا بىر مۆجىزە ياراتتى. 3-تۈركۈمدىكى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمەت ئەترىتىمۇ بۇنىڭغا ئوخشاش مۆجىزە يارىتىپ، چېگرا رايوندىكى بۇ كەڭ زىمىننى كۆڭۈل قويۇپ چوڭقۇر ئاغدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئادەمنىڭ يېڭى دەۋردە، «جۇڭگو ئارزۇسى» نىڭ گۈزەل نۇر چاچقانلىقىنى ھېس قىلدۇرۇشقا تىرىشماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى