تەڭرىتاغ تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش

«ئۈچ خىل كۈچ» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن

  چۆچەك شەھەرلىك سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن رەئىس دولقۇن كەنجى

  پارتىيە ئۇزاق يىل تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى بولمىسا قۇدرەتلىك ۋەتىنىمىزنىڭ بولمايدىغانلىقى، شىنجاڭنىڭ گۈللىنىشى ۋە تەرەققىياتىنىڭ بولمايدىغانلىقى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنىڭ تېخىمۇ بولمايدىغانلىقىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتىم. مەن تۇغۇلۇپ، ئوقۇپ، خىزمەتكە قاتناشقىچە ئۆزئارا ھەمدەم بولىدىغان، ئىتتىپاق ۋە دوستانە ئۆتىدىغان مىللەتلەر چوڭ ئائىلىسىدە ياشاپ كەلدىم. ھازىر مەن گۆدەك بالىدىن غايىلىك، ئىرادىلىك پارتىيەلىك كادىرغا ئايلاندىم، بۇلارنىڭ ھەممىسى پارتىيە تەشكىلىنىڭ كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ۋە يېتىشتۈرگەنلىكىدىن بولدى، مېنىڭ قەلبىم باشتىن- ئاخىر پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە بولغان مىننەتدارلىق ھېسسىياتى بىلەن تولغان. خىزمەت ھاياتىمدا ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىدە كۆپ ئىشلارنى باشتىن كەچۈرۈپ، يۇرتۇمدىكى تەرەققىيات ۋە ئۆزگىرىشلەرگە شاھىت بولدۇم، ھەر مىللەت ئامما ھەقىقىي نەپكە ئېرىشىپ، خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلالايدىغان بولدى، گۈزەل تۇرمۇشقا، بەختلىك ئائىلىگە ئېرىشتى.

  «ئۈچ خىل كۈچ» ئۆزلىرىنىڭ ۋەتەننى پارچىلاش رەزىل مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، دىنىي ئەقىدىلەرنى ھەدەپ بۇرمىلاپ، سەپسەتە ئويدۇرۇپ چىقىپ، ئىدېئولوگىيە، ئىقتىسادىي تۈزۈم، قانۇن- قائىدە، مەدەنىيەت- سەنئەت، ئەخلاق، ئۆرپ- ئادەت جەھەتلەردە ۋاسىتە تاللىماي دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنى سىڭدۈرۈپ، ھەر تەرەپتىن قۇتراتقۇلۇق قىلدى ۋە ئاممىنى قايمۇقتۇردى. كادىرلار قوشۇنىغا يوشۇرۇنۇۋالغان «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ قولچوماقچىلىرى بولۇپ، نىقابلىنىۋېلىپ، زوراۋان- تېررورچى ئۇنسۇرلارغا ئاستىرتىن يول قويدى، مەدەت بەردى، ھەتتا زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە مەخپىي قاتناشتى، ئۇلارنىڭ ھەرىكىتى تېخىمۇ خەتەرلىك، ھىيلە- نەيرەڭگە تولغان، بۇزغۇنچىلىقى تېخىمۇ ئېغىر.

  پارتىيەلىك ئاز سانلىق مىللەت كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ھەر مىللەت ئاممىغا باشلامچىلىق قىلىپ ۋە ئۇلارنى بىردەك ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي ئىناقلىق ۋە مۇقىملىققا ئېغىر زىيان يەتكۈزىدىغان «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەردىن ئىبارەت زەھەرلىك ئۆسمىنى تەلتۆكۈس يوقىتىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ ئەكسىيەتچىل ماھىيىتىنى ئېنىق تونۇپ، ھەر مىللەت، ھەر ساھە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، تونۇشنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى كۈچەيتىپ، باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەپ، ياخشى چارە- تەدبىرلەرنى كۆپرەك كۆرسىتىپ، ئەمەلىي ئىشلارنى كۆپرەك قىلىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئەقىل- پاراسىتى ۋە كۈچىنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا مۇجەسسەملەيمەن.

  بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەردە ئىستىلنى ياخشىلاپ، «ئۆگىنىش، ياخشىلاش، ئىلگىرى سۈرۈش» مەخسۇس پائالىيىتىدىكى ئۆزى تەكشۈرۈش، ئۆزى تۈزىتىش خىزمىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئۆزۈمدە ساقلانغان «تۆت خاھىش»، «تۆت كەيپىيات» مەسىلىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزدەپ تېپىپ، ئىدىيەۋى تونۇشۇم، خىزمەت ئىستىلىمدا باش نىشاننى مەۋقە قىلغان- قىلمىغانلىقىم، باش نىشانغا كۈچىگەن- كۈچىمىگەنلىكىم، راستچىل بولغان- بولمىغانلىقىم، ھەقىقىي ئىرادىگە كەلگەن- كەلمىگەنلىكىم، ئەمەلىي تەدبىر قوللانغان- قوللانمىغانلىقىم، ئەمەلىي ئىشلىگەن- ئىشلىمىگەنلىكىم قاتارلىق جەھەتلەردىكى مەسىلىلەرنى نۇقتىلىق تېپىپ چىقىمەن. «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى پۇرسەت بىلىپ، ھەر مىللەت، ھەر ساھە زاتلار ۋە بارلىق سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ پىكىر- تەكلىپلىرىنى كەڭ توپلاپ، ئۆز ئەۋزەللىكىمنى، يېتەكلەش رولۇمنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق قوغداپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئاساسىنى پۇختىلايمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئېسىمىزدە مەڭگۈ ساقلايلى» باش تېمىسىدىكى گۈزەل سەنئەت، ھۆسىنخەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى
  • گۈزەل سەيلىگاھ قۇمقاناس
  • ھەر مىللەت ئاھالە ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئاكتىپ ئېنېرگىيەسىنى مۇجەسسەملىدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى