تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

مەيدانىمنى مۇستەھكەملەپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممەمگە ئېلىپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشتا ئۈلگە بولىمەن

  ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى دۆڭكۆۋرۈك تەۋەلىك رايونى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئىلھامجان يۈسۈپ

  ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيەلىك ئاز سانلىق مىللەت كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيەگە سادىق بولۇپ، مەيدانىمنى مۇستەھكەم قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممەمگە ئالىمەن. تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىدە باشتىن- ئاخىر تونۇشتا مۈجمەل بولمايمەن، پوزىتسىيەدە تۇتۇق بولمايمەن، ھەرىكەتتە تەۋرەنمەيمەن، دادىللىق بىلەن ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، باتۇرلۇق بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشتا تىرىشىپ ئۈلگە بولىمەن، خەتەرلىك پەيتتە ئوتتۇرىغا چىقىپ، ھالقىلىق پەيتتە ئالدىدا مېڭىپ، ھايات- ماماتلىق پەيتتە جېنىمنى تىكىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممەمگە ئېلىپ، مەسئۇلىيەت ئالدىدا جاۋابكار بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىمەن.

  سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى ۋە بىردەكلىك ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزىمەن. ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلايمەن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرىمەن ۋە ئەمەلىيلەشتۈرىمەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى مەسئۇلىيەت، ۋەزىپە قىلىپ، دىققىتىمنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، باش نىشانغا مۇلازىمەت قىلىپ، باش نىشاننى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىمەن. يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇننى ئۈلگە قىلىپ، پارتىيەلىك ئاز سانلىق مىللەت كادىر بولۇش ئەۋزەللىكىمنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ رەزىل ماھىيىتىنى پاش قىلىمەن، ھەر مىللەت ئاممىغا پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشتىن ئىبارەت ئاكتىپ كۈچنى تارقىتىمەن، تەۋەلىك رايونىدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى مەيدانىنى مۇستەھكەملەپ، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىش ئىرادىسى ۋە ئىشەنچىنى چىڭىتىشقا ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق يېتەكلەيمەن.

  ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى پۈتۈن كۈچۈم بىلەن قوغدايمەن. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى بىر يۈرۈش «بىرىكمە مۇشت» تەدبىرىنى قەتئىي ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەۋرەنمەي، بوشاڭلىق قىلماي، ئىككىلەنمەي، شەكىلۋازلىق قىلماي، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالدىدا مېڭىپ، مەھەللىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، مەھەللىدە مۇقىملىقنى قوغداشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئاكتىپ ھۇجۇمغا ئۆتۈش، دۈشمەنگە ئاۋۋال قول سېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قاتتىق مۇشت بىلەن كۈچلۈك زەربە بېرىپ، تەۋەلىك رايوندىكى كادىرلار، ئاممىنى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئەتراپىغا ئۇيۇشتۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ پولات قورغانىنى مۇستەھكەملەيمەن.

  تىرىشىپ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى نەمۇنىچىلىرىدىن بولىمەن. بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەردە تەۋەلىك رايونىدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئامما ياقتۇرىدىغان شەكىللەرنى قوللىنىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەشۋىق- تەربىيەسىنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاھالىلىرىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، مۇقىملىقنى قوغداش مەسئۇلىيەت ئېڭىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ۋە دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنى تارقىتىدىغان سۆز- ھەرىكەتلەرگە قەتئىي قارشى تۇرىمەن. ھەر ۋاقىت، دائىم داۋاملاشتۇرۇشتا، دائىم تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۈنۈملۈك، كارغا كېلىدىغان ئۇسۇل، شەكىللەر ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ ۋە ئۇلارنى يەكۈنلەپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنى كۈندىلىك ئۆگىنىش، خىزمەت، تۇرمۇشقا سىڭدۈرىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى