تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

ئادەمنىڭ ئىنكاسى قانچە تېز بولسا ئۆمرى شۇنچە ئۇزۇن بولىدۇ

  ئەنگلىيە تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بايقىشىچە، قان بېسىمى، چېنىقىش مىقدارى ياكى بەدەن ئېغىرلىقى ئارقىلىق ئۆمۈرنى مۆلچەرلەشكە سېلىشتۇرغاندا ئادەمنىڭ ئىنكاس قايتۇرۇش ۋاقتى ئۆمۈرنىڭ تېخىمۇ توغرا كۆرسەتكۈچىسى بولالايدىكەن.

  تەتقىقاتچىلار سىناققا قاتناشقۇچىلارنىڭ ئىنكاس قايتۇرۇش ۋاقتى، تاماكا چېكىش ئادىتى ۋە بەدەن ئېغىرلىقى قاتارلىق ئامىللار ئۈستىدە سېلىشتۇرما ئانالىز يۈرگۈزۈش ئارقىلىق، ئىنكاسى ئاستا كىشىلەرنىڭ بالدۇر ئۆلۈپ كېتىش ئېھتىماللىقى ئىنكاسى تېز كىشىلەرنىڭكىدىن 2.6 ھەسسە يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى بايقىدى. تەتقىقاتچىلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئىنكاس ۋاقتى چوڭ مېڭىنىڭ ئۇچۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىش سۈرئىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىكەن، ئۇ بەدەننىڭ ماسلاشتۇرۇش ئىقتىدارىنىڭ مەركەزلىك ئىپادىلىنىشى بولۇپ ئەقلىي ئىقتىدارنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەم بولىدىكەن، ئەقلىي ئىقتىدار بولسا يەنە ‹‹بەدەن سىستېمىسى مۇكەممەللىكى››نىڭ كۆرسەتكۈچىسى بولىدىكەن. ئىنكاس تېزلىكى قانچە ئاستا بولسا چوڭ مېڭىنىڭ ئۇچۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنىڭ شۇنچە ناچار ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدىكەن، بۇ يەنە پۈتۈن بەدەننىڭ فىزىيولوگىيەلىك ئىقتىدارىنىڭ ئەڭ ياخشى ھالەتتە تۇرمايۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ، بالدۇر ئۆلۈپ كېتىش خەۋپىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىدىن بېشارەت بېرىدىكەن. ئامېرىكىنىڭ ئىلگىرىكى بىر تۈرلۈك تەتقىقات نەتىجىسىدىمۇ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغان كىشىلەرنىڭ تېخىمۇ ئۇزۇنراق ئۆمۈر كۆرىدىغانلىقى ئىسپاتلاپ بېرىلگەن، بۇ ئەقىل بۆلۈنمىسى بىلەن ئۆمۈرنىڭ مۇناسىۋىتىنى باشقا بىر تەرەپتىن ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.

  كېرەمجان ئىبراھىم تەرجىمىسى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئېسىمىزدە مەڭگۈ ساقلايلى» باش تېمىسىدىكى گۈزەل سەنئەت، ھۆسىنخەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى
  • گۈزەل سەيلىگاھ قۇمقاناس
  • ھەر مىللەت ئاھالە ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئاكتىپ ئېنېرگىيەسىنى مۇجەسسەملىدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى