تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

تۇغقىنىمىز بىزگە ساغلام تۇرمۇش ساۋاتلىرىنى ئۆگەتتى

   شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى: ئاقسۇ شەھەرلىك خوڭ چياۋ كوچىسى توقاي مەھەللىسىدىكى باھارگۈل مۆمىن 2017-يىل31-دېكابىر مۇنداق دېدى: «تۇغقىنىمغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن، ئۇلار بىزگە ساغلام تۇرمۇش ساۋاتلىرىنى ئۆگەتتى. ھازىر ئۇلارنىڭ كېتىشىگە كۆزىمىز قىيمايۋاتىدۇ.»

   مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىك پائالىيىتى»دىن بۇيان، ئاقسۇ شەھەرلىك ئارخىپ ئىدارىسىدىكى تۇققانلاشقان كادىر باھارگۈل بىر ئائىلە كىشىلىرى بىلەن تاماقتا، يېتىپ-قوپۇشتا، ئەمگەكتە، ئۆگىنىشتە بىللە بولۇپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتاي روھى ۋە خەلققە نەپ يەتكۈزۈش تۈرلۈك سىياسەتلەرنى، ئىلىم-پەن، ساغلام تۇرمۇش ساۋاتلىرىنى تەشۋىق قىلدى.

   «باھارگۈل ئاچامنىڭ قولى بەك چېۋەر، ئۇ تاماقنى ئوخشىتىپ ئېتىپلا قالماي، كەشتىچىلىككىمۇ ئۇستا، ئۇنىڭ ئۆيىگە بارغان بىرىنچى كۈنىلا ئۇ بىزگە ئوخشىغان پولو ئېتىپ بەردى ھەمدە ئۆزى كەشتىلىگەن< ئۇلۇغ داھىيمىز ماۋزېدۇڭ>، <باش شۇجى شى جىنپىڭ>، <مەن جۇڭخۇانى سۆيىمەن> تېمىسىدىكى كەشتىلەرنى بىزگە كۆرسەتتى.» دېدى ئاقسۇ شەھەرلىك ئارخىب ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى چېن خۇڭ.

  چېن خوڭ دوختۇر دوستىنى تەكلىپ قىلىپ، باھارگۈل ۋە يولدىشى مەمەت قۇۋاننىڭ سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرۈپ قويدى، تەكشۈرۈشتە باھارگۈلنىڭ قان ئازلىق ۋە رېماتىزم بارلىقى  ئېنىقلاندى، چېن خوڭ ئۇلارغا ۋاقتىدا داۋالىنىپ، يېمەك –ئىچمەك ئادىتىگە،تازىلىققا ھەمدە ئوزۇقلۇق تەڭپۇڭلىقىغا دىققەت قىلىشقا تەكلىپ بەردى.

  «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» ئاخىرلاشقاندا، باھارگۈل ھاياجانلانغان ھالدا كۆزىنى ياشلاپ، چېن خوڭنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى :«بۇ ئىككى كۈندە مەن ناھايىتى خۇشال، سىلەر كېلىپ ئۆي ئىچى بايرامدەك بولۇپ كەتتى، سىلەر ماڭا نۇرغۇن سوۋغات ئېلىپ بەردىڭلار يەنە بىزگە ساغلام تۇرمۇش ساۋاتلىرىنى ئۆگىتىپ، ھەقسىز سالامەتلىكىمىزنى تەكشۈرۈپ قويدۇڭلار، سىلەرنى ئۆز تۇغقىنىمدەك كۆرىمەن، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ  ئۆيىمىزگە پات-پات كېلىپ تۇرۇڭلار.»

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى